تۈرمىدە ئۆلگەن تۇتقۇن داۋۇت ساۋۇتنىڭ ئانىسى: قاغىنىڭ كۆزىنى قاغا چوقۇمايدۇ، شۇڭا ئەرز قىلمىدۇق

0:00 / 0:00

يوپۇرغا ناھىيىسىدە رامزان مەزگىلىدە تۈرمىدە جان ئۈزگەن سىياسىي تۇتقۇن داۋۇت ساۋۇتنىڭ قېيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىكى ئائىلىسىگە ئېنىق ئايان بولغان بولسىمۇ، مەزكۇر ئائىلە ۋەقە ئۈستىدىن ئەرز سۇنمىغان. ئۆزلىرىنىڭ جەسەتنى قارشىلىقسىز يەرلىكىدە قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى مۇخبىرىمىزغا بايان قىلغان ئائىلە، ۋەقەدىكى ھەقسىزلىقنىڭ ھېسابىنى ئېلىشنى ئاللاھقا تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىرىمىز، نېمە ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ جەسەتنى قانۇن دوختۇرلىرىغا تەكشۈرتۈپ كۆرۈش تەكلىپىگە قوشۇلمىغانلىقلىرىنى سورىغاندا، داۋۇت ساۋۇتنىڭ ئانىسى «قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇمايدۇ، شۇڭا تەكشۈرتمىدۇق ۋە ئەرزمۇ سۇنمىدۇق» دېيىش ئارقىلىق خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئادالىتىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.