دولقۇن ئەيسا بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىدا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.02.07
dolqun-eysa-yawropa-parlamenti-tiremosa-balchelis.jpg د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، لېبىرال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تىرېموسا بالچېلىس ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2017-يىلى 7-فېۋرال، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېل.
RFA/Ekrem

7-فېۋرال كۈنى د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزدى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چاقىرىلغان «دالاي لاما روھىنىڭ قايتا كۆچۈشى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن نېمىشقا بىر مەسىلە؟» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۈگۈن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خادىمى، د ئۇ ق نىڭ پروگرامما ياردەمچىسى لۇسىيا خانىم بىلەن بىرگە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تىرېموسا بالچېلىس ئەپەندى ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پىرېدا ئەپەندىنىڭ ياردەمچىسى دالىلا خانىم بىلەن ئايرىم- ئايرىم كۆرۈشكەن.

بۇ قېتىمقى زىيارەت ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈش يولىدا يەنە بىر قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ سۆھبەتلەردە ئۇيغۇر ۋەتىنىدە كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد، مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىكىگە ئائىت ساھەلەردە ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇش ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ئېغىرلاشقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن تەپسىلىي بايان قىلىپ ئۆتكەن ھەمدە ئىلھام توختى مەسىلىسى، قوش تىللىق مائارىپ، دىنىي باستۇرۇش ۋە مەسچىت چېقىش، پاسپورت يىغىۋېلىش، خىتاي-ئۇيغۇر مەجبۇرى تۇغقانچىلىق سىياسىتى، ئۈچ خىل كۈچلەر مەسىلىسى ۋە ھەممە يەردە ئەۋجى ئالغان ساقچى تېررورى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالغان.

مەلۇمكى، 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا بىر ھەپتە زىيارەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە 20 نەپەر پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.