«شىنجاڭدىكى ئەسەبىي كۈچلەرنى كونترول قىلىش دوكلاتى» نارازىلىق قوزغىدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى يېقىندا «شىنجاڭدىكى ئەسەبىي كۈچلەرنى كونترول قىلىش دوكلاتى» قامالنى كۈچەيتىشنىڭ تەشەببۇس قىلىنىشى نارازىلىق قوزغىدى

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇ دوكلاتقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇش يولى ئارقىلىق مۇقىملىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان شىنجاڭدىكى ئەسەبىي كۈچلەرنى كونترول قىلىش دوكلاتىنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرى بۈگۈن فېڭخۇاڭ خەۋەرلەر تورىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «يېقىندا مارالبېشى سېرىقبۇيا يېزىسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تىپىك بىر ئۆرنەك» دېيىلگەن.

ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مارالبېشىدىكى ۋەقە بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇقنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاياغلاشمايدىغانلىقىنى، تېررور بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئەمما،دوكلاتتا ئۇلار مارالبېشى ۋەقەسى بىلەن 2009 - يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى سېلىشتۇرۇپ، مارالبېشىدىكى ۋەقەنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ قاتناشمىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، مارالبېشى سېرىقبۇيا يېزىسىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىۋاتقاندا، ئەتراپتىكى ئامما ھېچقايسىسى ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇۋالغان. ئۇلار پەقەت ئامانلىق كۈچلىرى كەلگەندىن كېيىنلا ئۆيىدىن چىقىپ، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ياردەم بەرگەن.

دوكلاتتا يۇقىرىقى ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە كەڭ ئامما قاتنىشىپ، ۋەقە كۆلىمىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدەك بىر ۋەزىيەتتىن پەرقلىق بولۇپ، مانا بۇ ئەھۋال بۇنداق زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى يەرلىكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى» دەپ كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتى ئاستىدا قانداق قىلىپ مۇقىملىقنى قوغداش ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ، «ئىقتىساد گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈچەيگەن مۇشۇنداق بىر ياخشى ۋەزىيەتتە تېررورچىلارنىڭ داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇيغۇر ئېلى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسنىڭ مۇرەككەپ» لىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئۇلار دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا 50 تىن ئارتۇق تېررورچى تەشكىلاتنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان قارشىلىق پارتىيىسى قاتارلىق تېررور تەشكىلاتلىرى ئوچۇق - ئاشكارا ۋە پىلانلىق ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدە زور كۆلەملىك تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلىشنى تەشۋىق قىلماقتا» دېگەن.

ئۇلار يەنە، بۇ خىل تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تېررورچى بۆلگۈنچى ئىدىيىلىرىنى تارقىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يۇقىرىدىكى دوكلاتقا نارازىلىق بىلدۈردى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىلەرنى تېررورچىلارغا باغلاش ئارقىلىق، ئۆز جىنايەتلىرىدىن قاچماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان «ئالدىن تەدبىر ئېلىش، تېخى باش كۆتۈرمەي تۇرۇپلا يىلتىزىدىن ئۇجۇقتۇرۇش» دەيدىغان سىياسەتنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن.

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 2010 - يىلى 12 - ئايدا ئېلان قىلغان «مۇقىملىقنى قوغداشتىكى 32 چارە» ناملىق يوليورۇقنىڭمۇ ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچ ماددىسى ئىكەن.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى«5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن 5000 نەپەر ساقچى تولۇقلاپ خىزمەتكە قوبۇل قىلىپ، «ھەر بىر يېزىدا بىر ياكى بىردىن ئارتۇق ساقچى بولۇش» نى ئىزچىل ئومۇملاشتۇرۇپ، ھازىر ھەربىر يېزا - بازا، مەھەللە،كوچا ئىش باشقارمىلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئامانلىق خادىملىرى ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، مۇقىملىق قوغداش تورى شەكىللەندۈرۈلگەن.

بۇنىڭدىن سىرت دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا، ئىنتېرنېت تورلىرى، قول تېلېفونغا ئوخشاش يېڭى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى نازارەت قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، دوكلاتتا يېڭى پەن - تېخنىكا ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشىنى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى بەرپا قىلىشتا رىقابەت شەكىللەندۈرۈۋاتقان ئامىللار قاتارىدا كۆرسىتىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئىنتېرنېت، قول تېلېفون ئۇچۇرلىرىغا ئوخشاش يېڭى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى نازارەت قىلىشنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.

دەرۋەقە، خىتاي دائىرىلىرى تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تور بەتلەردىن «باغداش»تور بېتىنىڭ «دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى تارقاتقان» لىقىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، تور بەتنى 3 ئاي «تاقاش ۋە رەتكە سېلىش» تەك مەمۇرىي جازا بەرگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر ئەينى چاغدا بۇ تور بەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ دەل ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى تەھدىت قاتارىدا كۆرۈشىنى ئېغىر خاتالىق، دەپ باھا بەرگەن.

باغداش تور بېتىنىڭ يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان قەيسەر مىجىت ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ھۆكۈمەت ئەگەر كىشىلەرگە نارازىلىقى ئىپادىلەيدىغان، جەمئىيەتتە ساقلىنىپ ياتقان مەسىلىلەرنى پاش قىلىدىغان پۇرسەت ۋە سورۇن يارىتىپ بەرمەيدىكەن، بۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ نازارەت، باستۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئامانلىق كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى تەنقىدلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەق - ھوقۇقلىرىنى بەرمەي تۇرۇپ، مۇقىملىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.