«مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنى خاتىرىلەش كۈنى» دە ئۇيغۇر غايىبلار سۈرۈشتە قىلىندى

0:00 / 0:00

30-ئاۋغۇست - بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن دۇنيا مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنى خاتىرىلەش كۈنى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئايرىم-ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى كۈنىدە ۋە شۇندىن كېيىن خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى. بىراق، شۇ تۇتقۇنلاردا قولغا ئېلىنغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا تا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولماي كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئارىدىن ئۆتكەن 8 يىل جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن غايىبلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆپ قېتىم سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇنىڭغا بىر ئىنكاس قايتۇرمىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى يەنە بىر قېتىم بۇ مەسىلىدىكى مەسئۇلىيىتىنى بوينىغا ئېلىشقا چاقىردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزۇشقا چاقىردى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئورگانلار ھازىرغىچە ئىگىلەنگەن ئېنىق مەلۇماتلار ئاساسىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە غايىب قىلىۋېتىلگەن 43 كىشىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ چىققان ئىدى. بىراق، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بۇ رەقەمنى ئەمەلىيەتتە ئاشكارىلانغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن ئەركىنلىك سارىيى تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بۈگۈن بىزگە قىلغان سۆزىدە، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ھەرىكىتىنىڭ شۇ كىشىنىڭ ئائىلىسى ۋە بىر جەمئىيەتكە سالىدىغان ۋەھىمىسىدىن ئالغاندا ئىنتايىن ئېغىر بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ يۇقىرىدا ئارخىپى تۇرغۇزۇلغانلاردىن كۆپ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، ئۇيغۇر غايىبلار ھەققىدىكى بىر مەسىلە بولسا، تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئىز-دېرىكى ئېلىنالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاشكارىلانغان رەقەمدىن كۆپ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ سان ئەمەلىيەتنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن. بىز سۆزلەشكەن بىر كىشى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ بىر قانچە يۈز كىشى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە غايىبلار مەسىلىسى پەقەت ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. بۇنىڭغا كېيىن كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەردىن ۋە ئەڭ يېقىن زاماندىكى مىسىردىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى ھېسابقا قاتقاندا، كىشى غايىب ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي سانى بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى، دەيدىغان يەكۈنگە كېلىدۇ.»

مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش مەسىلىسى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولۇش بىرگە، غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ۋە ئۆلتۈرۈلۈشتەك ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. بىراق، ئۇيغۇر غايىبلار مەسىلىسىدە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ئەنسىرىتىۋاتقان بىر مەسىلە بولسا، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى قانۇنسىز ئورگان تىجارىتىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقىدۇر.

بۈگۈن ساراھ خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، غايىب قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن دېتاللارنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلىغاندا بۇ ئېھتىماللىقنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىمىز نەتىجىسىدە، بۇ كىشىلەرگە زادى نېمە بولدى دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئۇلار خىتايدىكى قانۇنسىز ئورگان تىجارىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن، دەيدىغان بىر خۇلاسىگە كەلدۇق. چۈنكى، بۇ يەردە شۇ خىل يەكۈننى كۈچلەندۈرىدىغان نۇرغۇن دېتاللار مەۋجۇت. مەسىلەن، بۇ غايىبلارنىڭ ئاساسەن ياش، ساغلام ئەرلەردىن تەركىب تاپقان بولۇشى، نۇرغۇن دېتاللارنىڭ فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئورگانلىرىنىڭ ئېلىنىش ئەھۋالىغا ئوخشايدىغان بولۇشى دېگەندەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىنىشىدەك ۋەقەلەر ئىلگىرىمۇ يۈز بېرىپ باققان. بىز زىيارەت قىلغان بىر سابىق ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس تۈرمىدە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلاردىن داۋاملىق قان ئېلىپ تەكشۈرۈپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي تۈرمىداشلىرىنىڭ ھېچقايسىدىن قان ئېلىنمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن مىساللار 2009-يىلىدىكى ۋەقەدىن كېيىن غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ياش ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئورگان تىجارىتىگە قۇربان قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئېنىق بىر ئىسپاتىمىز بولماسلىقى بىلەن بىرلىكتە، بۇنى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن، دەپ قارايمىز».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇر غايىبلار مەسىلىسىگە جىددىي قاراپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش مەسىلىسى دۇنيادىكى دىكتاتور ئەللەردە مەۋجۇت بىر ئەھۋال بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلىشى، مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ ياكى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ رايونغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىشىنى چەكلىشى ھەم غايىبلارنىڭ يېقىنلىرىنى ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلىشتىن چەكلىشى، ھەتتا غايىب يېقىنلىرىنىمۇ تۈرمىگە سولاشتەك ئەھۋاللار ئۇيغۇر غايىبلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزگىچە قىلىۋاتقان ئامىللار ئىكەن.