سۇدىخان ھاجىم: ھەممىسى بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى ئىكەن، ئۈرۈمچىدىن ھەيدەلدىم

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.06.13
Memet-Barat-apisi-305.jpg 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان مەمەت باراتنىڭ ئانىسى.
RFA/Shohret Hoshur

غايىب ئوغلى مەمەت باراتنى ئىزدىگەنلىكى ئۈچۈن، 3 يىلدىن بېرى ئۈرۈمچىدىن كېتىشكە ھەر خىل يوللار بىلەن قىستالغان سۇدىخان ھاجىم، يېقىندا يۇرتى خوتەن قاراقاشقا قايتىشقا مەجبۇر بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ تۈزۈلگەن توختامغا خىلاپ ھالدا ئىجارىگە ئالغان ئۆيىدىن ھەيدىلىۋاتقانلىقىنى ئالاقىدار ئورگانلارغا مەلۇم قىلغان چېغىدا، ئۇ يەردىكى بەزى ئۇيغۇر باشلىقلار ئۇنىڭغا ئاغزاكى ھېسداشلىق بىلدۈرگەن ۋە ئۈرۈمچىدە قېلىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۆي ئىجارە بەرگۈچىگە بېسىم ئىشلىتىپ، سۇدىخاننى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىشقا سەۋەب بولغان. بۇ ھەقتە «ھەممىسى بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى ئىكەن» دەپ شىكايەت قىلغان سۇدىخان ھاجىم بۈگۈن مۇخبىرىمىزغا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىش جەريانى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مۇخبىر: ئاڭلىساق، يۇرتىڭىزغا قايتىپ كەپسىز؟
سۇدىخان: شۇنداق بولدى، ئامالىمىز بولمىدى، ئۈرۈمچىدىن ھەيدەلدۇق.

مۇخبىر: قانداق بولۇپ؟
سۇدىخان: فاڭدوڭ(ئۆي ئىجارىگە بەرگۈچى) «ئۆينى بىكارلاڭلار» دېدى، «سېنىڭ بىلەن بىر يىللىق توختامىمىز بار» دېدۇق، ئۇ، «ئۆي ئۆزۈمگە كېرەك» دەپ تۇرۇۋالدى، ئامالسىز بىكارلاپ بەردۇق.

مۇخبىر: ئۆي ئىجارىسىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تۆلەۋاتقانمىتىڭلار؟
سۇدىخان: تۆلىمەمدىغان، تۆلەۋاتقان. گەپ فاڭدوڭدىمۇ ئەمەس، ئۇ ئادەم بۇرۇنلا «ئۇ يەر-بۇ يەرگە بېرىپ بالاڭلارنى ئىزدىمەڭلار، ماڭا بېسىم بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنداق قىلساڭلار تۇرغۇزالمايمەن» دېگەن. ئەمما، تورپاقتەك بىر بالىمىزنى ئۆيىمىزدىن تۇتۇپ ئاچىقىپ كېتىپ، يوقىتىۋەتسە قانداقمۇ ئىزدىمەي تۇرالايمىز؟! ئىزدىدۇق، سۈرۈشتە قىلدۇق.

مۇخبىر: ساقچىلار ياكى ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىلەر ئاشكارا ھالدا «بالاڭنى ئىزدىدىڭ، ئۈرۈمچىدىن كەت» دېدىمۇ ياكى....؟
سۇدىخان: ئۇنداق دېمىدى، ھەتتا ساقچىغا بارسام قادىر دېگەن كىشى، «فاڭدوڭغا مەن گەپ قىلاي، سىز ئولتۇرۇۋېرىڭ» دېدى. كېيىن ئۇقسام، ساقچىلار ئاھالىلەر كومىتېتىغا ، ئاھالىلەر كومىتېتى فاڭدوڭغا بېسىم ئىشلىتىپتۇ، ھەممىسى بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى ئىكەن، ياردەم قىلىمەن دېگىنى يالغانكەن، ئۈرۈمچىدە قالالمىدۇق.

مۇخبىر: يەنە باشقا جايلاردىن ئىزدەپ باقساڭلار ئۆي چىقماسمىدى؟
سۇدىخان: نەگىلا بارساق بەرمەيدۇ، خەۋىرىڭىزدە بار، ئۆتكەن يىلى بىر قېتىم ئۆيدىن ھەيدىلىپ، ئۆي تاپالماي مېھمانخانىدا بىر ئاي ياتتۇق. 6 ياشلىق نەۋرەممۇ قورقۇپ كېتىپتۇ ، شۇڭا قايتىپ كەلدۇق.

مۇخبىر: ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆينى بوشىتىڭلار دېگىنىدىن باشقا، ساقچىلارنىڭ كىرىپ ئاۋارە قىلغان ئەھۋاللىرى بولدىمۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردا؟
سۇدىخان: بولدى، سىز بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن، بىرنەچچىسى كېلىپ: «سىز بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلار مۇخبىرلار ئەمەس، دۆلىتىمىزنى پارچىلايدىغانلار، بالىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى دېمەڭ» دېدى. مەن ئۇلارغا «ئۇنداقتا بالامنى جاۋابىنى بېرىڭلار، بولمىسا راست گەپنى كىم سورىسا شۇنىڭغا دەيمەن» دېدىم.

مۇخبىر: شۇنداق قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى ياغلىق دۇكىنىڭىزنىمۇ تاقىۋەتتىڭىزمۇ؟ ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
سۇدىخان: دۇكاننىمۇ قايتۇرۇۋەتتۇق، بۇ يەردىكى يېرىمىزنىمۇ بۇرۇن ئۆتكۈزۈۋەتكەنتۇق، شۇڭا قوتانغا ئىككى قوينى سولاپ، شۇنى بېقىپ ئولتۇردۇق.

مۇخبىر: قاراقاشتا بۇ ئىش-تىجارەت قىيىنچىلىقىدىن باشقا ئاۋارىچىلىك يوقتۇ؟
سۇدىغان: قايسى كۈنى بۇ يەردىكىلەردىنمۇ ئىككى ساقچى كەپتۇ. «چەتئەلدىن تېلېفون كەلدىمۇ؟» دەيدۇ؛ «ياق، سوراپ قاپسىلەرغۇ؟» دېسەم؛ «سىز بىلەن سۆزلىشىدىغانلار بۆلگۈنچىلەر، ئۇلارغا ھەممە گېپىڭىز دەپ ئىچ-باغرىڭىزنى تۆكۈۋەتمەڭ» دەيدۇ؛ «بۆلگۈنچىلەر ئەجەب قورقىدىكەنسىلەر، ئەمىسە بالىمىزنىڭ ئۇچۇرىنى بېرىپلاۋەتسەڭلار بولمىدىمۇ» دېدىم.

مۇخبىر: سۇدىخان خانىم، كۆپ جاپا تارتىۋاتىسىلەر، ھەرقانداق ئىشنىڭ بىر ئەجرى بولىدۇ، بۇنىڭمۇ بىر نەتىجىسى بولار سىزگە يەنە كۆپ سەۋر ۋە غەيرەت تىلەيمىز!
سۇدىخان: رەھمەت، رەھمەت سىلەرگە!

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.