5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئون ئالتە يىللىقىنى خاتىرىلەش، شۇ ۋەقەدە بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش، ۋەقە سەۋەبىدىن خىتاي تۈرمىلىرىگە ناھەق قامالغان باتۇر ئەزىمەتلەرنى ئەسلەشنى ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بۇرچى، دەپ بىلگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، بىر قانچە كۈندىن بۇيان دۇنيانىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدىمۇ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە ياپونىيىلىك ژۇرنالىست ئارىموتو كائورى خانىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ بىر قانچە ۋاقىتتىن بۇيان 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن، توپلىغان ماتېرىياللىرى شۇنداقلا ھازىر ياۋروپا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان مەزكۇر ۋەقەنىڭ شاھىتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى ئاساسىدا تەييارلىغان دوكلاتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىز توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.