بىر قولىدا بوۋىقىنى ئەركىلەتسە، بىر قولىدا تۇغىنى لەپىلدىتىۋاتقان ئۇيغۇر قىزى

خىتايدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2008-يىلى يازدا ئېلىپ بېرىلغان توكيودىكى نامايىشىدا جەڭگىۋارلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇر قىزىنى كىشىلەر ھازىرغىچە ئۇنتۇمايدۇ.

0:00 / 0:00

ئەينى ۋاقىتتىكى بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ بىر قولىدا ئوماق، تاتلىق بوۋىقىنى، بىر قولىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، توكيونىڭ تومۇز كۈنىدە رەستە-رەستىلەردە ياپون، ئۇيغۇر ئەركەكلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!»، «ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان»، «شېھىتلەر ئۆلمەس» دەپ جەسۇرانە شوئارلارنى توۋلاپ، مەردانە قەدەم تاشلىغان ئىش-ئىزلىرىنى كىشىلەر ھازىرغىچە ھۆرمەت تۇيغۇسى ئىچىدە ئەسلىشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدىن تا ھازىرغىچە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ ئوماق يالغۇز قىزىغا ئاتىلىق ھەم ئانىلىق مېھرىنى بېرىپ كېلىۋاتقان ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر قىزى گۈلىستاندۇر.

ئۇيغۇر قىزى گۈلىستان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىدە تاۋاپ قىلغۇچىلارغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. 2013-يىلى 2-يانۋار، توكيو.
ئۇيغۇر قىزى گۈلىستان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىدە تاۋاپ قىلغۇچىلارغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. 2013-يىلى 2-يانۋار، توكيو. (RFA/Qutluq Haji)

گۈلىستاننىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدىكى تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى، ئاكتىپچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت، تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىملار قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، گۈلىستان خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزگە قۇلاق سايلايسىلەر.