يېقىندا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى مۇخبىرىمىزغا مەكتۇپ يوللاپ، ئاتۇشنىڭ سۇنتاغ يېزا ئازغان كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 79 ياشلىق رەيھاننىسا خانىمنىڭ بېشىغا كەلگەن خاپىلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، ساقچىلار رەيھاننىسا خانىمنىڭ تۈركىيەدىكى تىجارەتچى نەۋرىسى ئابدۇۋەلى ھاجىنىڭ ئاتالمىش جىنايىتى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاتۇشتىكى ئىنىسى 26 ياشلىق رىشات ھاجىنى تۇتقۇن قىلغان. مەكتۇپتا يەنە دېيىلىشىچە، ساقچىلار رىشات ھاجىنى دەسلەپكى قېتىمدا تۇتقاندا ئاكىسىنى تۈركىيەدىن قايتىپ كېلىشكە كۆندۈرۈش شەرتى بىلەن قويۇپ بەرگەن، ئەمما ئابدۇۋەلى ھاجى قايتىپ كەلمىگەنلىكتىن ئۇ 3 ئاينىڭ ئالدىدا تەكرار قولغا ئېلىنغان. رەيھاننىسا ئانا ھەر ئىككى نەۋرىسىنىڭ ئاتالمىش جىنايىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغان.
مۇخبىرىمىز بۈگۈن دەرتمەن ئانا رەيھاننىسا خانىمنى زىيارەت قىلدى. ئۇ مەكتۇپتا دېيىلگەنلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك توغرىلىقىنى دەلىللىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00