ئالدىنقى قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتىمىزدە، ئۆز ئۆيىنىڭ قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن ئاختۇرۇلۇپ، ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىلغان بىر قىسىم رومانلىرىنىڭ ۋە قۇرئانى كەرىم قاتارلىق دىنىي كىتابلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، قەشقەردىكى 80 ياشلىق ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بۈگۈن سۆھبىتىمىزدە ئۆزىنى ساقچىلارنىڭ «گۇماندار» دەپ ئېيتقانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن، قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۆزلىرىنى ج خ ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى دەپ ئەدىب مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغان كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بولسا، قەشقەر «گو باۋ» يەنى دۆلەت ئامانلىقى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچى خانىم، قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىدىغان ئىككى مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ بارلىقىنى شۇنداقلا ئابلىمىت قوبۇلنىڭ ج خ ئىدارىسىدە ئەمەس، بەلكى گو باۋ» يەنى دۆلەت ئامانلىقى ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بىزنىڭ مەزكۇر ئىدارە بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سورىشىمىزنى بىلدۈردى.
بىز يۇقىرىقى قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرىغا ئاساسەن، قەشقەر دۆلەت ئامانلىقى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە تولۇق ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.
تېلېفون سۆھبىتىمىز جەريانىدا شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى تۈرمە ھاياتى توغرىسىدىكى بىزنىڭ سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن شائىر تۇيغۇن ئابدۇۋەلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە، ئالدى بىلەن دىنىي ساھەلەردىكى ئۇيغۇر ئۆلىمالارنى يوق قىلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قەدەمدە بولسا تىغ ئۇچىنى ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلىرىغا قارىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00