مۇھاجىر ھۈسەيىن ئىمىنتوختى دۇبەيدە ب د ت دىن پاناھلىق سوراۋاتقان مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.11.10
huseyin-imintoxti-1.JPG ھۇسەيىن ئىمىنتوختىنىڭ پاسپورتى (ئايالى تەمىنلىگەن).
RFA

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، ب د ت نىڭ دۇبەيدىكى ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىر ھۈسەيىن ئىمىنتوختى بىر ئايدىن بېرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ئۇنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئايالى نىگارەنىڭ بۈگۈن رادىيومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، ھۈسەيىن ئىمىنتوختى ئۆتكەن ئاينىڭ 12‏-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ تۇتۇلۇشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئۇچۇر يوللاپ، خىتاينىڭ ئۆزى ئۈستىدىن خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى ۋە دۇبەي ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىزدەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە 3 كۈنگىچە تورغا چىقالمىسا ئىز-دېرىكىنى ئېلىشنى سورىغان.

بىز دۇبەيدە ب د ت ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلىدە دۇبەي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 26 ياشلىق مۇھاجىر ھۈسەيىن ئىمىنتوختى ھەققىدە ئۇنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئايالى نىگارە خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ھۈسەيىن ئىمىنتوختى ئۆتكەن ئاينىڭ 9‏-كۈنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۇبەيدىن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئايالىغا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ئۆزى ئۈستىدىن خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، ئەگەر 3 كۈنىگىچە تېلېفوندا تورغا چىقماي قالسا، ئۆزىنى تۇتۇلدى دەپ چۈشىنىشى ۋە ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتە قىلىشنى ئېيتقان.

نىگارە خانىمنىڭ كۆزىتىشىچە، ھۈسەيىن 10‏-ئاينىڭ 12‏-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخىرقى قېتىم تورغا چىققان. شۇنىڭدىن تا ھازىرغا قەدەر ئۇ تەكرار تورغا چىقمىغان. 

ھۈسەيىننىڭ ئايالىغا دەپ بېرىشىچە، ئۆتكەن ئاينىڭ 8‏-كۈنى دۇبەينىڭ پۇقراچە كىيىنگەن بىر ساقچىسى دۇبەيدىكى ئۇيغۇرلار تاماق يەيدىغان بىر ئاشخانىغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا ھۈسەيىننىڭ پاسپورتىدىن كۆچۈرۈلگەن سۈرىتىنى كۆرسەتكەن ۋە ئۇنى تونۇيدىغان ياكى تونۇمايدىغانلىقىنى سورىغان. رەسىمنى كۆرگەن ھۈسەيىننىڭ دوستلىرىدىن بىرى ئەھۋالنى دەرھال ھۈسەيىنگە بىلدۈرگەن. ئۇ شۇ كۈندىن باشلاپ مۆكۈنۈپ يۈرۈشكە باشلىغان. ئۇ بۇ كۈنلەردە كۈندۈزى ب د ت بىناسىدا كۈن ئۆتكۈزسە، كېچىلىرى ياتاق ئېلىشقا جۈرئەت قىلالماي كوچىلاردا مېڭىپ كۈن ئۆتكۈزگەن. 

نىگارەنىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، ئەسلىدە ھۈسەيىن تۈركىيەدە قول تېلېفونى دۇكىنى ئېچىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا تۈركىيەدىكى تۇرۇش رۇخسەتنامىسىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئۈچۈن كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بارغاندا، نامەلۇم سەۋەب بىلەن تۈرك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، تۈركىيەنىڭ ئەرزۇرۇم ۋىلايىتىدىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە ئەكېتىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە تۈرك ساقچىلىرى لاگېردىكىلەرگە، تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈشكە تاقىتى يوقلارنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ چاغدا ھۈسەيىن، ئۆزىنىڭ ياپونىيەگە قايتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان، تۈرك ساقچىلىرى، ئۇنىڭغا ياپونىيەگە ئەمەس، دۇبەيگە چىقىپ كېتىشكە ئىمكان بارلىقىنى ئېيتقان ۋە بۇ چېگرادىن چىقىرىلغانلارنىڭ 6 ئايدىن كېيىن تۈركىيەگە قايتا كىرىش ھەققى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھۈسەيىن كېسىلىنى داۋالاش ۋە تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلدە تۇغۇلغان 3‏-پەرزەنتىنى كۆرۈش ئۈچۈن دۇبەيگە چىقىرىۋېتىلىشنى تەلەپ قىلغان. ھۈسەيىن بۇ يىل 5 ‏-ئايدا تۈركىيەدىن دۇبەيگە چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئايال-بالىلىرىنى دۇبەيگە ئەكىلەلمىگەن. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنتىگە خىتاي ئەلچىخانىسى پاسپورت بەرگىلى ئۇنىمىغان. ئۇ دۇبەيدىكى 6 ئايلىق سۈرگۈن مەزگىلىنى تولدۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرغان چاغلىرىدا، يۇقىرىقى ئاۋارىچىلىككە دۇچ كەلگەن. 

دۇبەيدە ياشاۋاتقان ۋە ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر، دۇبەي ساقچىلىرىنىڭ ھۈسەيىن ئىمىنتوختىدىن باشقا يەنە يېقىندا ئۇنىڭ بىرلىكتە ئۆي كىرالىغان ئاكا-ئۇكىلاردىن 17 ياشلىق ئوسمانجان ئۆمەرنىڭمۇ ھۈسەيىنگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ دۇبەيدىكى ساقچى ئورۇنلىرىغا بارغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، ساقچىلار بۇنىڭدىن 15 كۈنچە ئاۋۋال، ئۇنىڭغا ھۈسەيىن بىلەن ئوسمانجاننىڭ نۆۋەتتە تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.