خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى بىلەن ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

15-فېۋرال خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى بىلەن ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارا خەۋپسىزلىك يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى بىلەن ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى 15-فېۋرال بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل خانىمدىن 16-فېۋرال كۈنى ميۇنخېندا چاقىرىلىدىغان خەلقئارا خەۋپسىزلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى، ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 16-فېۋرال كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدە خەلقئارا خەۋپسىزلىك يىغىنى باشلىنىدىغان بولۇپ، 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پرېزىدېنتلىرى ياكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، باش مىنىستىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلار قاتنىشىپ، دۇنيا خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلاتتى.

مەزكۇر بايانات مۇناسىۋىتى بىلەن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ باياناتنى يېزىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، 14-فېۋرال كۈنى گۇمىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىمۇ مىسالغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بەرمىسە، رايوننىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىلگە قارىتا ئېلان قىلغان باياناتىمىزدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى تىنچسىزلىق مەسىلىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، گۇمىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ بۇنىڭ جانلىق مىسالى بولىدىغانلىقىنى، خىتايدا ئىلھام توختىغا ئوخشاش مۆتىدىل ئىدىيىدىكى زىيالىيلارنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى جىنايەت ھېسابلىنىپ ئۇلارنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە مەركىزى ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىتلەر يارىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق ۋە بۇ مەسىلىنى خەلقئارا خەۋپسىزلىك يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىنى جىددىي ئويلىشىشنى تەلەپ قىلدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىگە خاتىمە بەرمىسە، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئەسلا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق.»

ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆزىدە، بۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن بىرقانچە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى، باياناتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقى ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى مەركىزىي تېما قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئالدىنقى كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەكتۇپىغا جاۋاب يازغان بولۇپ، ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ جاۋاب خەتنىڭ مەزمۇنىدىن بىزنى ۋاقىپلاندۇردى.