15-سېنتەبىر باش شتابى نيۇيوركتىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئىلھام توختى ھەققىدىكى ماقالىدە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلھام توختى ئۈستىدىن 17-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغان سوتقا ئۆزلىرىنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ بەلكىم 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.
شياڭگاڭ مەتبۇئاتلىرىدا بولسا خىتاي يازغۇچىلىرىدىن ۋاڭ «خەيىر-خوش ئىلھام توختى» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىلھامنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى تۈرمە ھاياتى توغرىسىدا توختالغان ئۇ ئەسىرىدە ئىلھام توختىنىڭ بۇ قىسمەتلەرگە ئاللىقاچان تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
ياپونىيە ئاخباراتلىرى ۋە تور بەتلىرىدە بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىلەردە، بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى ئۈستىدىن 17-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغان سوتقا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققەت بىلەن قاراۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ سوتتا ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «مىللەتلەر كىشىلىك ھوقۇق مەجلىسى» تەشكىلاتى تېخى يېقىندىلا ياپون سىياسەتچىلىرىنى ئىلھام توختى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات مەسئۇلى ئىۋاناگا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئەتىدىكى سوتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ بەزى بىر گۇمانلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئەسلىدە بېيجىڭدا سوت قىلىنسا بەك توغرا بولاتتى، ئەمما سوت مەھكىمىسى نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئۈرۈمچىدە سوت قىلىشنى لايىق كۆردى؟ بۇنىسى تولىمۇ گۇمانلىق. ئەتە سوتنىڭ ھۆكۈمى قانداق بولىدۇ؟ بۇنىسى نامەلۇم. ئەمما بىز، ئۇنى يەنىلا تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز.
خەلقئارادىكى كۆپلىگەن تور بەتلىرىدە ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن ئۇنىڭ 17-سېنتەبىر ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:30 دا ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. بۇ خەۋەر ئاللىقاچان خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما سوت دائىرىلىرى ئۇنىڭ سوت قىلىنىشىنى يەنىلا مەخپىي تۇتۇپ كەلمەكتە.
بىز مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن 17-سېنتەبىر ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سوتقا مەسئۇل سودىيەلەردىن بىرى، مۇئاۋىن سودىيە زىبىبۇللاغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇ، بىزنىڭ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە، جۈملىدىن ئىلھام توختىنىڭ تەغدىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قانۇنشۇناس ياماگاجو خىتاينىڭ سوتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ بەزى بىر قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-جۇڭگودەك ھەقىقىي قانۇن يولغا قويۇلمىغان بىر دۆلەتتە سوتنىڭ توغرا ھۆكۈم چىقىرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. خىتايدا قانۇن ھۆكۈمەتنى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت قانۇننى باشقۇرىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلاردەك بېيجىڭدىن ئۆزلىرىگە ھەق-ھوقۇق تەلەپ قىلغان مىللەتلەرنى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىي-قانۇن كومىتېتلىرى ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىپ، سوتقا شۇ بويىچە ھۆكۈم ئېلان قىلىشنى بۇيرۇيدۇ. جۇڭگودا تېخى ھەقىقىي، توغرا بولغان سوت مەھكىمىسى ۋە قانۇن تۈزۈلمىسى قۇرۇلمىدى.
سۆھبىتىمىز داۋامىدا قانۇنشۇناس ياماجو ئىلھام توختىنىڭ سوت ھۆكۈمى ھەققىدىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بەزى بىر پەرەزلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر ئۇ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلسا، خەلقئارا جەمئىيەت دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇنى تۈرمىدىن بالدۇرراق قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىشى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى، بۇ مەسىلىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ دۇنياغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئاڭلاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، ياپون ھۆكۈمىتى ھەمىشە جۇڭگونىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا قانۇنسىز كىرىشى مەسىلىسى ئۈستىدىلا جۇڭگونى تەنقىدلەش ئېلىپ بارماي، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنىمۇ تەنقىدلىشى كېرەك، دېدى.
ئۇيەنە، 11-ئايدا جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى جەريانىدا جۇڭگو-ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلىپ بارىدىغان ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە ياپونىيە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
قانۇنشۇناس ياماگاجو ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى»دەك نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئۇچۇر تارقىتىشى كېرەكلىكىنى، دۇنيادىكى بارلىق ئەركىنلىك سۆيگۈچى كىشىلەرنىڭ ئىلھام توختىنى تۈرمە ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغانغا قەدەر تىرىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.