ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي، سىياسىي ۋەزىيىتى نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەت تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە، بۇلار قاتارىدا ئامېرىكا ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن قۇرۇلتاي ئىجرائىيە مۇدىرى زەينەپ ئەل ساۋائىج خانىم مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئاستىدا ئېزىلۋاتقانلىقىدىن، ئۇلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۈتۈن ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى شۇنداقلا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ۋە دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئەمەلىي ياردەم قىلىشقا چاقىردى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىسلام قۇرۇلتايلىرىغا ئوخشاش تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىشىنى تەشەببۇس قىلدى.
نۇرغۇن تەتقىقات ۋە دوكلاتلاردىن مەلۇمكى، ئىسلام دىنى دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دىن شۇنداقلا ئامېرىكا مۇسۇلمانلار سانى ئەڭ تېز كۆپىيىۋاتقان دۆلەتتۇر. ئېنىق بولمىغان ستاتېستىكىلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار سانى 3 مىليون 480 مىڭدىن ئاشقان. ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلارنىڭ تەشكىللىك ئىجتىمائىي، سىياسىي پائالىيەتلىرى ئىنتايىن راۋاجلانغان. مەركىزى پايتەخت ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان ئامېرىكا ئىسلام قۇرۇلتىيى ئىاچ، ئامېرىكىدا 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە دۇنيا مىقياسىدا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان سەلبىي تەسىرلەر تۈپەيلى، مۇسۇلمانلار ھاياتىدا يۈزلىنىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، مۇسۇلمانلارنىڭ تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە خەلقئارادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، باشقا دىنلار بىلەن ئىسلام دىنى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى، قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتە، ئامېرىكىنىڭ 40تىن ئارتۇق شتاتلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يېتەكچى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. بىز مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن، ئامېرىكا ئىسلام قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە مۇدىرى زەينەب ئەل ساۋائىج خانىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ رامىزاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە سىياسىي باستۇرۇشلىرىغا قارىتا ئىنكاسىنى سورىدۇق.
زەينەب خانىم «ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋىرىم بار» دەپ سۆزىنى باشلىدى ۋە ئۆزىنىڭ دۇنيا ئاخباراتىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك بىر ۋەزىيەتنى ياراتتى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندا ئۆزىنىڭ قانۇنىي دىنىي پائالىيەتلىرىنىمۇ خاتىرجەم ئېلىپ بارالمايۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن كۆڭلى يېرىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،«كوممۇنست رېجىم ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردىن ھال سورايمەن» دېدى ۋە چوڭقۇر سالام يوللىدى.
زەينەب خانىم يەنە گەرچە يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراپ دىنىي ۋە ئىنسان ھەقلىرى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراپ ئازاب چېكىۋاتقان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئاكتىپ ئىنكاسى بولمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى شۇنداقلا پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى، ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن، پۇقرالار ھەق -ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پىكرىمىزنى ئاڭلىتىشىمىز، ئۇيغۇرلارنى بېسىملاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەمەلىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلدى.
بىز ئۇنىڭدىن، ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك دەپ سورىدۇق، ئۇ دېدىكى«بىز كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ياردەمگە موھتاج ھەر قانداق بىر شەخس ۋە مۇسۇلمان ۋە ئۇنىڭ خەلقلىرى ئۈچۈن مەۋجۇتمىز، ئەگەر ئۇيغۇرلارمۇ بىز بىلەن خەت، تېلېفون، ئېلخەت ۋە باشقا مۇۋاپىق كۆرگەن ئۇسۇل ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قانداقلا يېرىدىن ئالاقە باغلىسا، ئۆزى ۋە ئۆز خەلقى ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتەلىسە، بىز ھەر قاچان خۇشاللىق بىلەن ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشقا تەييارمىز.»
زەينەب خانىم يەنە، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، «ستاتېستىكىلارغا ئاساسلانغاندا ئامېرىكا مۇسۇلمانلار ئەڭ تېز كۆپىيىۋاتقان دۆلەت، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار باشقا ئەركىن ئەللەردىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ كۈندىلىك دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئەركىن ۋە ئازادە ئېلىپ بېرىش شارائىتىگە ئىگە، بولۇپمۇ-11سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلار سانى بىر ھەسسە ئاشتى، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، 11 -سېنتەبىر ۋەقەسى تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇردى، كىشىلەرنىڭ ئىسلامغا بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈچىيىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامنى توغرا تونۇشتۇرۇشى تۈرتكىسىدە، بارغانچە تېخىمۇ كۈپ كىشىلەر ئىسلامنى ھەقىقىي چۈشۈرۈپ يېتىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ» دېدى.
بىز زەينەپ خانىمدىن يەنە، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى سورىدۇق، ئۇ ئۆزىنى مىسالغا ئېلىپ سۆزىنى باشلاپ «رامزان مەزگىلىنى ئېلىپ ئېيتساق، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز -ئارا ئۇچرىشىشى تېخىمۇ قويۇق بولماقتا، تۈرلۈك دىئالوگلار، ئۆز-ئارا ۋە باشقا دىنلار بىلەن ھەمكارلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئىچىدىلا ئەمەس، باشقا دىن ۋە باشقا تەشكىلات، ھۆكۈمەت تەرەپتىنمۇ مۇسۇلمانلارغا مەخسۇس ئىپتارلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئاقسارايمۇ مۇسۇلمانلارغا ئىپتار ئورۇنلاشتۇردى، رامزان كىرىشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ پائالىيىتى تېخىمۇ جانلاندى، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ دىنىدىن پەخىرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىلىق بولغانلىقىدىنمۇ پەخىرلىنىدۇ» دېدى.