خوتەندىكى بىر كەنت سېكرېتارى ئۆز كەنتىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟

0:00 / 0:00

بىر قىسىم كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۆز كەنتىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدىكى بايانلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال يۈزىنى بىلىشتە بىرىنچى قول ئۇچۇرلارنى بەرمەكتە.

ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرى ھەمدە بۇ يەردە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ھاياتى ھېلىھەم تاشقى دۇنيا ئۈچۈن سىرلىق ھالەتتە بىلىنمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار پۈتكۈل خىتاينىڭ كونتروللۇق سىستېمىسىدىكى سىياسىي سەزگۈرلۈكى ئەڭ يۇقىرى، ئۇچۇر ئېلىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ قىيىن شۇنداقلا قامال تورى ئەڭ كۈچلۈك بولغان سىرلىق بەلۋاغ بولۇپ تۇرماقتا.

ئۇنداقتا، تۆمۈر پەردە ئارقىسىدىكى ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالى زادى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

بۇ سوئالغا 16 يىل كەنت كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن خوتەن ناھىيەسىنىڭ لاڭرۇ يېزىسىدىكى مەلۇم بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ بايانلىرى جاۋاب بېرىدۇ.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.