0:00 / 0:00
12-ئۆكتەبىر كۈنى مارالبېشىدا يۈز بەرگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 4 نەپەر پىدائىي بىلەن قېتىلىپ جەمئىي 22 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ داۋاملىق ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ۋەقە يۈز بەرگەن بازارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى، ھۇجۇمچىلارنىڭ شۇ كۈنكى ھەرىكەت ھالىتى ۋە نوپۇس تەۋەلىكى قاتارلىق بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى.
مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن بىر ساقچى خادىمى، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ ھەتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلاردىنمۇ يوشۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە، ۋەقەدە 7-8 چە ساقچى خادىمى ئۆلگەنلىكىنى، ئىدارىسىدىن ئەمەس، جەمئىيەتتىن ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.