مىسىردىن نىدا: «بىز جان قايغۇسىدا!»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.07.07
misir-uyghur-oqughuchi-5.jpg مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۇتقۇن قىلىنىپ ساقچى ماشىنىسىدا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 6-ئىيۇل.
Tutqun qilinghan oqughuchilar özliri teminligen

مىسىر ساقچىلىرىنىڭ خىتاي پاسپورتى بار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە باشقىلارنى ئۇچرىغان جايدا كەڭ كۆلەملىك نىشانلىق تۇتقۇن قىلىشى داۋام قىلماقتا. ھاياتى بىخەتەرلىكى خەۋپ ئىچىدە تۇرۇپمۇ، يوشۇرۇنغان جايلاردىن رادىيومىز بىلەن ئالاقىلاشقان مىسىردىكى ئۇيغۇرلار يەتكۈزگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىرغىچە بىگۇناھ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار سانى 200 دىن ئارتۇق، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 20 دىن كۆپرەك قىز ئوقۇغۇچىلارمۇ بار. خىتايغا تاپشۇرۇلسا ئاقىۋىتىنىڭ ئېچىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، ئۆزىنى دالدىغا ئالغانلارنىڭ بولسا ھاياتى يەنىلا خەۋپ ئىچىدە. بەزىلەر ئائىلىسى، بالا-چاقىلىرى بىلەن پارچىلانغان، ھەتتا بەزىلىرى سەھرالاردا ئېتىزلاردا قونماقتا، بەزىلەر بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئاغزىغا بىر بۇردا نانمۇ سالمىغان. ئۇلار ئاچلىق، ئەنسىزلىك ئىچىدە تۇرسىمۇ يەنىلا ئادالەتكە بولغان ئۈمىدىنى يوقاتمىغانلىقى ئۈچۈن، دۇنياغا «بىز جان قايغۇسىدا!» دەپ نىدا قىلماقتا.

مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىسىر بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۇشتۇمتۇت تۇتقۇنغا ئۇچراۋاتقىنىغا بۈگۈن 4 كۈن بولدى. تۇتقۇن باشلانغاندىن بۇيان يەنە بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلار بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان. چۈنكى ئۇلار، ئۆزلۈكىدىن قايتقانلار بىگۇناھ تۇرۇپمۇ تۈرمىلەرگە قامالغان يەردە، ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇپ قالغان تەقدىردە مەڭگۈلۈك قاماققا ئېلىنىشى ھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش خەۋپى بار دەپ قارايدۇ. ئەزھەردە بىللە ئوقۇۋاتقان يەنە تۆت بۇرادىرىنىڭ 7-ئىيۇل سەھەر 3 تە ئىسكەندەرىيە ئايرودرومىدا تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ، ئۇلارنى ئادۋوكات ئارقىلىق قۇتقۇزۇشقا ماڭغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى يول ئۈستىدە بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، تۇتۇپ قېلىنغان ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قانۇنلۇق ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا سىلەرنى خىتايغا قايتۇرىمىز دېگەنلىرىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن ئايرودرومدا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئادۋوكات بولۇپ كىرگەن مىسىرلىق ئادۋوكاتنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتىشىچە، 7-ئىيۇل كۈنى جەمئىي 24 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تۇتۇپ قېلىنغان، ئۇلار ھازىرمۇ ئايرودرومدا قامال قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ساقچىلار ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاكىسىنىمۇ مىسىر ساقچىلىرى يولسىز سەۋەبلەر بىلەن 4-ئىيۇل كۈنى ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن بولۇپ، بىر كۈندىن كېيىن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ئاكىسى ئاخىرقى قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتىدە تۈرمىدە 200دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بارلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.

قىسمەن ئوقۇغۇچىلار، ئەرلىرى تۇتۇلۇپ قالغان ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار تۇتۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆيلىرىنى تاشلاپ قاچقان بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشىمۇ تەس بولغان، بانكا، دۇكان، مېھمانخانا ھەتتا ئاشخانىغا كىرىشمۇ تۇتۇلۇپ قېلىشقا سەۋەب بولغانلىقتىن، ئوزۇق-تۈلۈكسىز، ھالسىرىغان، كىچىك، نارەسىدە بالىلىرى بىلەن ئىلاجسىز قالغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشىمۇ خەۋپ ئىچىدە، چۈنكى ئۇلار ئاچ يۈرگىلى بىر قانچە كۈن بولغان. 

گەرچە، دۇنيا مىقياسىدا مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىھۇدە تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ھالبۇكى يەنە بىر قىسىم نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار توپلۇقلىرىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، بۇ قەدەر چارىسىز قالغان ئۇيغۇرلارنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارنىڭمۇ پەيدا بولۇۋاتقانلىقى كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرىدۇ. بۇنى ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ مىسىردىكى بالىلارنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تۇزاق قۇرۇۋاتقانلىقى دەپ پەرەز قىلماقتا. 

مىسىر ھۆكۈمىتىگە ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىشىنىپ، ئىشەنچلىك، ئوتتۇراھال دىنى مەنبە بولغان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ساغلام شەرئى ئېلىم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ، خىتاينىڭ سىياسىي ئويۇنلىرى سەۋەبلىك مىسىردا يولسىز تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاسارەتلىك ھالدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر تارقىتىشى، ھىجرەتتىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنىڭ دەرھال بۇنىڭغا مەتبۇئاتلاردا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى نەتىجىسىدە، بىر قانچە كۈندىن بۇيان مىسىردىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى خەلقئارالىق مەتبۇئاتنىڭ دىققىتىنى تارتقان مەسىلىگە ئايلاندى. ئەپسۇس بۇنىڭ، مىسىر دائىرىلىرىنىڭ مەسۇم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان يولسىز مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىشىگە ئاكتىپ رول ئوينىيالماسلىقى ھەمدە نوپۇزلۇق ئىلىم-ئېرپان ماكانى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىگە چىقماسلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭمۇ تەنقىد نىشانىغا ئايلانماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.