مۇھەممەتتوختى دېلوسى ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرى (1)

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرى يەكەن ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان «سىياسىي جىنايەتچى» - مۇھەممەتتوختى مۇھەممەتروزىدىن سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن پايدىلانغان.

مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان تۈرمىدىكى مۇھەممەتتوختى بۇ يىل 7-ئايدا «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنغان نۇرگۈل بىلەن بىللە يەكەن ۋە خوتەنلەرگە ئېلىپ بېرىلغان. ئۇلار تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئايرىم-ئايرىم «توۋىنامە» يېزىپ، يەكەن ۋە خوتەندىكى ئاممىۋى تەشۋىقات يىغىنلىرىدا ئوقۇغان شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «جىنايەتلىرى» ئۈستىدىن جامائەت ئالدىدا «تۆۋە» قىلغان.

ئۇنداقتا، ئۆز دەۋرىدە پاكىستاندىن تۇتۇپ كېلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەقسىتىنىڭ قۇربانى قىلىنغان مۇھەممەتتوختى مۇھەممەتروزى زادى كىم؟ ئۇ قاچان، قانداق شارائىتتا ۋە نېمە ئۈچۈن پاكىستاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، مەخپىي ھالدا ئۈرۈمچىگە يالىنىپ كېلىنگەن؟ ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سوتى نېمە ئۈچۈن 2 يىلغا يېقىن سوزۇلۇپ كەتكەن؟ ئۇنىڭ دېلوسى ۋە پاجىئەلىك قىسمەتلىرىگە خىتاي بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى قانداق ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ۋە يوشۇرۇن مۇناسىۋەتلەر يوشۇرۇنغان؟

مۇھەممەتتوختى مۇھەممەتروزىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى كەچمىشلىرىگە شاھىت بولغان، ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇھەممەتتوختى مۇھەممەتروزى 1977-يىلى 3-ئايدا خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق يېزىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىنى ئۆز يۇرتىدا ئالغاندىن كېيىن، قاغىلىققا بېرىپ مەشھۇر دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمدا ئوقۇغان. 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ مەكتىپى مەجبۇرىي تاقىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق پاكىستانغا بارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوتتەك ئوقۇش قىزغىنلىقى بىلەن ئىسلامابادتىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئە (قانۇن) كەسپىدە باكلاۋېرلىقنى پۈتتۈرگەن. ئاندىن يەنە شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ ماگېستېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

2000-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇشى ۋە ياشىشى ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش تۈپەيلى قىيىن ئەھۋالدا قالغان. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار پاكىستان ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ يوشۇرۇن تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراپ ئارقا-ئارقىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، مۇھەممەتتوختى ب د ت نىڭ پاكىستاندىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، شىۋېتسىيەگە يولغا چىقىشقا بىرقانچە كۈن قالغاندا، يەنى 2003-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇ تۇيۇقسىزلا پاكىستان مەخپىي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ يوشۇرۇنچە خىتايغا ئەۋەتىپ بېرىلگەن.

ئۇنىڭ ئايالى ۋە پاكىستاندىكى دوستلىرى شۇنچە ئىزدەپمۇ ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرىنى ئالالمىغان. 2003-يىلى 12-ئايغا بارغاندا ئاندىن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ليۇداۋان تۈرمىسىدە قاماقلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئاڭلىغان.

ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ مۇھەممەتتوختىغا بىرمۇنچە ئويدۇرما «جىنايەتلەر» نى ئارتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئۆزى شەخسەن شاھىت بولغان ئەمەلىي ئەھۋاللارغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.