تايلاندلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى چالىد خانىم، تايلاند دائىرىلىرىنى بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خالىغان دۆلەتكە كېتىشىگە يول قويۇشقا چاقىرغان. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى 20-ئۆكتەبىر ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇساپىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق بىر قېتىملىق يىغىندا قىلغان.
چالىد خانىم يىغىندا قىلغان سۆزىدە، تۈرك مۇساپىرلىرىنىڭ مەيلى قەيەردىن كەلگەن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان 3-دۆلەتكە چىقىپ كېتىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە، ئۆزلىرىنى تۈرك، دەپ تونۇشتۇرغان ئاز دېگەندە 490 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىر تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا سولاپ قويۇلغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بۇ مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ كەلمەكتە.
توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي -جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇساپىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق يىغىننى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.
يىغىندا يەنە، ياپونىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىموتو بېرمىدىكى روھىڭگالىق مۇسۇلمانلار مەسىلىسى، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇساپىرلارغا قىلغان تۈرلۈك ياردەملىرى ۋە تەجرىبە ساۋاقلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.