مەلۇم بولۇشىچە ۋەقە 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى يۈز بەرگەن. مېيىپ قىلىنغۇچى مەمتىمىن مەتتوختىنىڭ دادىسى مەتتوختى رەجەپ، خىتاي سېكرېتار لى روڭنى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئۈرۈمچىگە بەش يىل ئىچىدە 30 قېتىم بارغان. ئارىلىقتا بىر قېتىم يەنى 2009-يىلى 11-ئايدا بارغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىدا 15 كۈن يېتىۋېلىپ، تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. نۇر بەكرى ۋەقەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەسلەپتە خەنزۇغا گېپى ئۆتمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر كادىرلارنى جازالاپ بېرىشكە قۇربى يېتىدىغانلىقىنى ئاشكارا بايان قىلغان. مەتتوختى رەجەپ نۇر بەكرىدىن نېمە ئۈچۈن خىتاي سېكرېتارغا گېپى ئۆتمەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ خىتاي سېكرېتارنىڭ خىزمەتتە تۆھپىسى بارلىقىنى تىلغا ئالغان.
مەتتوختى : نۇر بەكرى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈم، ئۇ «خەنزۇنى بولدى قىلىڭ، ئۇيغۇرنى جازالاپ بېرەيلى» دەيدۇ...
مۇخبىر: بۇ گەپنى ئوچۇق ھالدا شۇنداق دېدىمۇ؟
مەتتوختى: دېدى. «ئۇ خەنزۇكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېكرېتار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرزىڭىز ئاقمايدۇ» دېدى.
مۇخبىر: بۇ قاچان، قەيەردە بولۇنغان گەپ؟
مەتتوختى: 2009-يىلى، 11-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدە نۇر بەكرىنىڭ ئىشخانىسىدا.
مۇخبىر: ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۇنداق ئاسان بولمايدىغان، قانداق كۆرۈشەلىدىڭىز؟
مەتتوختى: مەن ئۇ چاغدا يوتقان-كۆرپەمنى ئېلىپ بېرىپ 15 كۈن يېتىۋالغان ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا، شۇ چاغدا ئادۋوكاتىم ئەخمەت سادىر بىزنى كۆرۈشتۈرگەن.
مۇخبىر: نۇر بەكرى «ئۇ خەنزۇ ئىكەن شۇڭا جازالىيالمايمىز دېدىمۇ؟ ياكى ئۇ يولى بار خەنزۇكەن شۇڭا جازالىيالمايمىز» دېدىمۇ؟
مەتتوختى: باشتا «خەنزۇكەن ئەرزىڭىز ئاقمايدۇ» دېدى، ئارقىدىن، «سېكرىتاركەن، خىزمەت تۆھپىسى بار» دەيدۇ خىزمەت تۆھپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەم ئۇرۇپ مېيىپ قىپقويسا بولامدۇ، دېسەم، ئۇنداقتى-مۇنداقتى دەيدۇ.
مۇخبىر: بۇ گەپكە ئادۋوكاتىڭىز نېمە دېدى.
مەتتوختى: باشتا نۇر جۇشى «دېھقاننىڭ تۆھپىسى يوقمۇ» دەپ سورىدى، نۇر جۇشى جىم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇ «ئۇيغۇر ئۈستىدىن داۋا قىلساق، ئۇلار بىز بۇيرۇقنى ئىجرا قىلدۇق دەيدۇ بىز ئۇتتۇرىمىز» دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن نۇر بەكرى «ئەمىسە مەن تۆۋەندىكى خەلق قۇرۇلتىيىغا خەت قىپ بېرەي» دېدى، ئەتىسىدىن باشلاپ مېنى ھۆكۈمەت بىناسىغا كىرگۈزمىدى.
يۇقىرىدا ئەھۋالنى بايان قىلغان مەتتوختى رەجەپنىڭ بايان قىلىشىچە، نۇر بەكرى تەرىپىدىن تۆھپىسى بار دەپ چاپان يېپىلغان بۇ خىتاي سېكرېتار، ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن قوشقاندا جەمئىي 17 كىشىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، ئىككى نەپىرىنى مېيىپ قىلىپ قويغان. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن شەنبە بازاردىكى ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. ئاھالىلەردىن بىرى ئاكىسىنىڭ سېكرېتار لى روڭ تەرىپىدىن ئۇرۇپ زەخىملەندۈرگەنلىكىنى پاش قىلسا؛ 75 ياشلىق بىر بوۋاي ئۆزىنىڭ 50 ياشلىق ئوغلىنىڭ يەنە شۇ لى روڭ تەرىپىدىن ئۇرۇپ مېيىپ قىلىنغانلىقىنى پاش قىلدى:
بوۋاي: لى روڭ ھەربىيلىكتىن قايتقانكەن، چامباشچىلىقنى بىلىدىكەن، ئوغلۇمنى سەكرەپ چىقىپ مەيدىسىگە تېپىپ، ئوڭدىسىغا ئۇچىرىۋېتىپتۇ، ئوغلۇمنى جىق داۋالاتتۇق، تېخىچە ئەسلىگە كەلمىدى.
مۇخبىر: نېمە دەپ، نېمە قىلغىنىغا ئۇرۇپتۇ؟
بوۋاي: ئوغلۇم ئۆي سېلىۋاتقان، رەسمىيەت تەلەپ قىلىپ بېرىپ گەپ تاكاللىشىپ قالغان ئىكەن.
مۇخبىر: ئەرز قىلمىدىڭلارمۇ، جازالانمىدىمۇ؟
بوۋاي: جىق ئەرز قىلدۇق، ئۇيغۇرنىڭ گېپى ئاقمايدىكەن، جازالىنىش نەدە ئۆسۈپ ناھىيىگە كەتتى.
يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خوتەندە 17 ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان خىتاي سېكرېتارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرى چارىسىز قالغان. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۇر بەكرىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىچارىلىقى ھەيران قالارلىق بىر ئەھۋال ئەمەس؛ ئەمما ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر چارىسىزلىقتىن خورلۇق ھېس قىلماسلىقى ۋە شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان ساداقىتىنىڭ يۈكسەكلىكى دىققەت ۋە تەئەججۈپكە مۇناسىپتۇر. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى كېيىنكى قېتىملىق پروگراممىمىزدىن بىلگەيسىلەر.
