8-ئۆكتەبىر فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئويغان فىرانسىيە» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋە شۇنداقلا بىرلەشمە كىشىلىك ھوقۇق نامايىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.
فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، فىرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پروفېسسورلىرى ۋە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن چاقىرىلغان «ئويغان فىرانسىيە» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا فىرانسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر قانچە ئەزالىرى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىندا ئاساسلىقى فىرانسىيەنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلغان.
يىغىن ئارىلىقىدا يەنە يىغىن تەشكىللىگۈچىلەردىن پروفېسسور ئاڭغىلى تامپېر بىر قىسىم يىغىن ئەھلىگە ۋە فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىگە ياۋروپادا نۆۋەتتە ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ ناھايىتى قىزىق نۇقتىلاردىن بىرى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر يىغىن پارىژ 5-رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسىدا چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىن ئەتىگەن سائەت 9:30 دىن كەچ سائەت ئالتىگە قەدەر داۋام قىلغان.
فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن تۇرسۇنجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى يەنە فىرانسىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار كەچ سائەت ئالتىدىن باشلاپ پارىژدىكى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا مەركىزى ئىتالىيەدىكى «سوتسىيال لىبېرال خەلقئارا كىشىلىك تەشكىلاتى»نىڭ تەشكىللىشى بىلەن چاقىرىلغان ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش بىرلەشمە نامايىشىغا قاتناشقان.
پارىژدا چاقىرىلغان مەزكۇر نامايىشتا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە توختالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، پارىژدا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى نامايىش مەركىزى ئىتالىيەدىكى «سوتسىيال لىبېرال خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى» نىڭ ھەر يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا پارىژدا ئېلىپ بارىدىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
فىرانسىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە شۇنداقلا ئاتاقلىق ژۇرنالىست ئۇرسۇلا خانىم فىرانسىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا بەلگىلىك رول ئوينىغانلىقتىن، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسى فىرانسىيەدە كەڭ تونۇلغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتنى ئاڭلاڭ.