بىرقانچە ئايدىن بېرى مۇخبىرىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ غايىپ ئوغلى ۋە ئۇنى ئىزدەش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ كېلىۋاتقان پاتىگۈل غۇلام، ئالدىنقى كۈنى خىتاي دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم تەھدىتىگە ئۇچرىغان.
ساقچىلار ئۇنىڭغا مۇخبىر بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈشسە قولغا ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. پاتىگۈل بۇرۇنقىدەكلا، ئوغلىنىڭ ئۇچۇرى بېرىلگەندە ئاندىن ئاخباراتقا سۆز قىلىشتىن توختايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما پاتىگۈل غۇلام بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى ئالغاندا، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ بىر مەھەل ئاخباراتقا سۆز قىلىشنى توختىدىغانلىقىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوغلى ھەققىدىكى جاۋابىنى يەنە بىر مەزگىل سۈكۈت ئىچىدە كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.
ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرىدىن 5 كىشى (ئىككىسى ئايال، ئۈچى ئەر) پاتىگۇل غۇلامنى ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ سوراق قىلغان. ساقچىلار سوراق داۋامىدا پاتىگۈل غۇلامغا، بىر نەچچە ئايدىن بېرى ئۇ تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتقان كىشىنىڭ مۇخبىر ئەمەس تېرورچى ۋە بۆلگۈنچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشسە جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «بۈگۈنگىچە بۇ تەرىپىنى بىلمەي سۆزلەشكەن بولسىڭىز، بۈگۈندىن باشلاپ بىلىپ قېلىڭ» دەپ تەھدىت سالغان. پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بۇ تۈردىكى سوراق ۋە تەھدىتلەر كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن، ئەمما بۇ قېتىمقىسىدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى كېلىپ سوراق قىلغان ۋە سوراق جەريانىنىڭ ئۈنسىن خاتىرىسىنى قالدۇرغان. پاتىگۈل بۇرۇن جاۋاب بەرگەندەك، بالىسىنىڭ ئۇچۇرى بېرىلسە، مۇخبىر قوبۇل قىلىشنى توختىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار، بالىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆزلىرى بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇ ئىشقا باشقا ئورگانلارنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت دۆلەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. پاتىگۇل «سىلەر بالامنىڭ ئۇچۇرىنى بېرىشكە بەلگىلىك موھلەت بېرەلىگەن بولساڭلار، مەنمۇ شۇ چاققىچە ئۇ مۇخبىر بىلەن كۆرۈشمەسلىككە ۋەدە بېرەتتىم، ئەمما سىلەر بۇنى قىلالمىدىڭلار، مەنمۇ، ئۇ ئادەم بىلەن سۆزلەشمەيمەن دېيەلمەيمەن. سۆزلەشمەيمەن دەيدىغان قارارغا كەلسەممۇ، ئاۋۋال مۇخبىرغا بۈگۈنكى ئەھۋالنى مەلۇم قىلىۋېتىپ، ئاندىن سۆزلەشمەيدىغان بولىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ساقچىلار بۇ سۆزگە قارىتا «سىز سۆزلىشىۋاتقان ئۇ كىشى مۇخبىر ئەمەس، ئۇ تېرورچى، بۆلگۈنچى ۋە ئالدامچى» دېگەن. پاتىگۈل «ئۇ كىشى ماڭا تېررورلۇق قىلايلى دېمىدى، بالاڭنىڭ ئىشىنى خەۋەر قىلىمەن دېدى، بالامنىڭ ئەھۋالىنى كىم سورىسا، شۇ كىشى ماڭا ئەڭ يېقىملىق، ئەڭ دۇرۇس» دەپ جاۋاب قايتۇرغان. پاتىگۈل يەنە،ئەگەر شۇ مۇخبىر بىلەن سۆزلىشىشىم جىنايەت بولىدىغان ئىش بولسا، تېلېفونىمنى كېسىۋېتىڭلار، ئىمكانىملا بولسا بالامنى سورىغان ھەرقانداق كىشى بىلەن كۆرىشىمە»" دېگەن.
پاتىگۈل غۇلام بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى بايان قىلدى ۋە بىر مەھەل مۇخبىر زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق ) ھۆكۈمەتنىڭ ئوغلى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشىنى كۈتكەن ھالدا( نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى يەنى ساقچىلارنىڭ يۇقىرىقى بۇيرۇقىغا شەرتلىك ھالدا ئىتائەت قىلىش نىيىتىنى بايان قىلدى:
پاتىگۈل: بۇلارغا تېلېفونۇمنى كېسىۋېتىڭلار دېگەنتىم، سىزگە يەنە ئۇلاپ بېرىپتۇ، نېمە قىلغىنىكىن - تاڭ بۇلارنىڭ؟
مۇخبىر: تېلېفوننى ئېتىپ قويۇش بىلەن بۇ ئىشنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۇلارمۇ بىلىدۇ، بەلكىم.
پاتىگۈل: شۇنداق قىلىپ، ئۇلار مېنى سىز بىلەن كۆرۈشمەيسەن دەيدۇ. دۇنيادا مېنىڭ دەردىمنى ئاڭلاۋاتقان بىردىن - بىر كىشى سىز تۇرسىڭىز....
مۇخبىر: پاتىگۈل خانىم، بىر مەزگىل شۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپ بېقىڭ، كۆرۈشمەي باقايلى.....
پاتىگۈل: خەق يۈتۈپ كەتكەن بىر ئىتىدىن ۋاز كەچمەيۋاتسا، مەن يۈرەك پارامدىن قانداق ۋاز كېچەلەيمەن؟!!!
مۇخبىر: بۇ ھەرگىز بالىڭىزدىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس، پەقەت بالىڭىزنى ئىزدەش ئۇسۇلىڭىزدىن ۋاز كەچكەنلىك. يەنى ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتكەنلىك.
پاتىگۈل: شۇنداق قىلاي، «ھۆكۈمەت جاۋاب بېرىدۇ، كۈت» دېگەن گېپى بويىچە بىر مەزگىل كۈتۈپ باقاي.
مۇخبىر: ئەمىسە سىزگە يەنە سەۋر ۋە غەيرەت تىلەيمىز.
پاتىگۈل: رەھمەت سىلەرگە! سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمەن!
0:00 / 0:00
