ساقچى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن مايكىل براۋن ۋە يۇتۇۋېتىلگەن ئىماممەمەت ئېلى (1)

0:00 / 0:00

بۇ يىل 9-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكىنىڭ مىسسورىي شتاتىدا يۈز بەرگەن 18 ياشلىق قارا تەنلىك ياش Michael Brown نىڭ ساقچى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى دۇنيا ئاخباراتىدا تا بۈگۈنگە قەدەر غۇلغۇلا قوزغىماقتا، مۇنازىرە قىلىنماقتا.

بۇ مۇنازىرىگە شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بەس-بەستە ئىشتىراك قىلماقتا. 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياش ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغاندا خىتاي مەتبۇئاتلىرى ھېچنېمە دېمىگەن ئىدى؛ غايىب ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام ئەھۋالنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان چېغىدىمۇ خىتاي ئاخباراتى قۇلاق يوپۇرۇۋالغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىلا ۋەقە ئاچچىق بىر تراگېدىيە، ھەر ئىككىسى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ زوراۋانلىقىنىڭ پاجىئەسى، ھەر ئىككىسى ئىرقىي ياكى ئېتنىك زىددىيەتنىڭ بىر يان ئىپادىسى. شۇڭا بىز بۈگۈن بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىنىش جەريانى ھەققىدە قىسقىچە سېلىشتۇرما ئېلىپ بارىمىز؛ بۇ سېلىشتۇرما، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئادالەت سىستېمىسى ۋە بۇ ئىككى دۆلەتتىكى ئاخبارات ئەخلاقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ۋە چۈشىنىشكە پايدىلىق دەپ ئويلايمىز.

9-ئاۋغۇست كۈنى مايكىل براۋن بىر ماگىزىندىن تاماكا ئوغرىلاپ قايتقىنىدا ساقچى Darren Wilson غا يولۇقىدۇ. ۋىلسون مايكىلنى چەتتە توختاشقا بۇيرۇغىنىدا مايكىل ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئېتىلىپ كېلىپ، ئىشىكىنى تاقىۋالىدۇ ۋە ئىككى تەرەپ سوقۇشىدۇ، ئاقىۋەتتە ساقچى 7 پاي ئوق چىقىرىپ مايكىلنى ئۆلتۈرىدۇ.

ئىماممەمەت ئېلى، 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە نامايىشقا قاتنىشىدۇ، ئارىدىن 9 كۈن ئۆتكەندە ئىشىك ئالدىدا دوستلىرى بىلەن تۇرغىنىدا قارا كىيىملىك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىدۇ؛ ئۇنىڭ نەگە ئەكېتىلگەنلىكى، نېمە ئۈچۈن ئەكېتىلگەنلىكى ھېچكىمگە بىلدۈرۈلمەيدۇ.

10-ئاۋغۇست كۈنى St.Louis رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مايكىل براۋننىڭ ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى ھەققىدە ئەل-جامائەتكە مەلۇمات بېرىدۇ. 11-ئاۋغۇست كۈنى مايكىلنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ئوغلىنىڭ ساقچى زوراۋانلىقىغا يولۇققانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ ۋە ئادۋوكات تۇتۇپ ئەرزنى باشلايدۇ؛ ئامېرىكىنىڭ 100دىن ئارتۇق شەھىرىدە مايكىل ئائىلىسىنى قوللاپ نامايىشلار داۋام قىلىدۇ.

ئىماممەمەت ئېلى تۇتۇلۇپ كېتىپ ئىككى ئايغىچە ھېچنەدىن سادا چىقمايدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام ئەڭ ئاۋۋال ئۆز تەۋەلىكىدىكى ساقچىخانىغا بېرىپ ئوغلىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ؛ ساقچى خادىمى ئىمامەمەت ئېلىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ مىدۇڭچۈ تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. پاتىگۈل ئۇ تۈرمىگە بارغىنىدا ساقچى خادىملىرى بۇ تۈرمىدە بۇنداق بىر كىشىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىدۇ.

مايكىل ئېتىۋېتىلىپ ئەتىسى يەنى 10-ئاۋغۇست كۈنى س. لويىس رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى، 11-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسى، 13-ئاۋغۇست كۈنى مىسسىۇرىي شتاتلىق پۇقرالار ھوقۇقى كومىتېتى، 20-ئاۋغۇست كۈنى س. لويىس رايونلۇق سوت كوللېگىيىسى بولۇپ 4 ئورۇن مايكىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلايدۇ.

پاتىگۈل غۇلام ئۈرۈمچىدىكى 10 قاماقخانىغا بېرىپ ئىماممەمەت ئېلى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمايدۇ؛ شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە بارسا، ئۇلار ئۇچۇر بېرىش مەسئۇلىيىتىنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىدۇ. پاتىگۈل ئۆزىگە ئوخشاش بىر گۇرۇپپا غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتى بىلەن ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا ئاتلىنىدۇ. ئۇلار بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ تېخى ئەرزىيەت ئىشخانىسى بىلەن كۆرۈشمەي تۇرۇپ ئۈرۈمچى ساقچىلىرىغا تۇتۇلىدۇ ۋە ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ.

مايكىل ئۆلتۈرۈلۈپ ئەتىسىدىن ئېتىبارەن، ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى پۈتۈن ئامېرىكا ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىنىدۇ. قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى دېلونى ئەل-جامائەت ئالدىدا ئانالىز قىلىدۇ، سوتسىيولوگلار ۋەقەنىڭ ئېتنىك ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەھلىل قىلىدۇ، بەزىلەر مەسىلىنى ئامېرىكىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسىنىڭ بىر ئىپادىسى دېسە، بەزىلەر بۇنى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدىكى مەسىلە دەپ ئىزاھلايدۇ.

پاتىگۈل غۇلام ئەھۋال مەلۇم قىلىپ شىنجاڭ گېزىتىگە بارغىنىدا گېزىتخانا بۇ ۋەقەنى ئېلان قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندە، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى، بىر خىتاينىڭ ئىتى يىتىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئېلان بېرىدۇ؛ پاتىگۈل خانىم مەزكۇر پروگرامما مەسئۇلىغا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ بىر ئوغلى يىتىپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىدۇ ۋە ئىزدەش ئېلانى بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ تەلەپمۇ رەت بولىدۇ.

مايكىل ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئۇنىڭغا 7 پاي ئوق تەگكەنلىكى، بۇنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بېلەككە، بىرىنىڭ باش قىسىمغا تەگكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. ئەجەللىك ئوقنىڭ ئۇنىڭغا قېچىۋاتقان مەزگىلىدە تەگكەنلىكى بېكىتىلىدۇ. تەكشۈرۈشلەر مايكىلنىڭ ئوغرىلىق قىلغان-قىلمىغانلىقى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ساقچى ۋىلسوننىڭ مايكىلنى ئېتىشىنىڭ ھەقلىق ياكى ھەقسىز ئىكەنلىكى ئۈستىدە داۋام قىلىدۇ.

2010-يىلى 9-ئايدا مىچۈەن تۈرمىسىدىن بىر مەھبۇس قويۇۋېتىلىدۇ، پاتىگۈل ئىككى كىچىك ئوغلىنى ئەۋەتىپ، ئىماممەمەت ھەققىدە ئۇچۇر سورايدۇ. سابىق مەھبۇس ئىماممەمەت بىلەن بىر كامىرىدا ياتقانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ ۋە ئىماممەمەتئەلىنىڭ ئىككى قېتىملىق سوراقتىن ئامان چىققانلىقى، 3-قېتىملىقىدىن ھوشسىز چىققانلىقى، 3 كۈن تاماق يېيەلمىگەندىن كېيىن داۋالىتىش ئۈچۈن ئاچىقىپ كېتىلگەنلىكى ۋە شۇ پېتى كامىرىغا قايتۇرۇپ كېلىنمىگەنلىكى قاتارلىقلارنى ئېيتىدۇ.

يۇقىرىدا ئامېرىكا ساقچىسى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن مايكىل براۋن بىلەن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلگەن ئىماممەمەت ئېلى ھەققىدە تەييارلانغان سېلىشتۇرما مەلۇماتنىڭ بىر قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق، داۋامى كېيىنكى پروگراممىمىزدا بېرىلىدۇ.