قارامايلىق ئانىلار ئېتنىك كەمسىتىشنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

17-ئىيۇن كۈنى قارامايدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان زىننەت خانىم، قارامايدىكى 5000 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، 6-ئىيۇن باشلانغان نامايىشنىڭ نۆۋەتتە جىم ئولتۇرۇپ قارشىلىق كۆرسىتىش شەكلىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، نامايىش قاتناشچىلىرىنىڭمۇ ئەسلىدىكى 40نەپەر ئاتا-ئانىدىن 50 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قارامايدا 1995-يىلدىن كېيىن ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر پەرزەنتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، قارامايغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆچمەنلەر يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەھۋالدا، ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ يۇرتى قارامايغا قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن ئالدى بىلەن بىر تۇتۇش ئىمتىھانغا قاتنىشىش،ئاندىن خىزمەتكە تەقسىم قىلىش سىياسىتى قوللىنىلغان.

2000-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت ياشلىرى پۈتۈنلەي ئىشسىز قالىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن زىننەت خانىم، ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشسىز قېلىپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇۋاتقان شارائىتتا، دائىرىلەرنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە نىسبەتەن يۈكسەك دەرىجىدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قوللىنىۋاتقانلىقىنى سېلىشتۇردى.

زىننەت خانىم بايانىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن تېخنىك ئىشچىلار نامىدىكى كۆچمەنلەرگە نىسبەتەن ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ،ئۇلارنى ھەقسىز تۇرالغۇ، 5000 سومدىن يۇقىرى بولغان مۇقىم مائاش بېرىۋاتقان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت ياشلىرىغا قارىتا ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى،خىتاي تىلى سەۋىيىسى،مىللەت تەركىبى قاتارلىق تۈرلۈك شەرتلەرنى قويۇشىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدىكى ئېتنىك كەمسىتىش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل تەڭسىز سىياسىتىنىڭ قارامايلىق ئاتا-ئانىلارنى ھەم ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ھەم غەزەپلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن زىننەت خانىم، ئۆزلىرىنىڭ جىم ئولتۇرۇش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەش نامايىشىنىڭ قاراماي دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ ھەققانىي تەلىپىنى قوبۇل قىلغانغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىننەت خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، قارامايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانچە كۈچىيىپ،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقا جەھەتلەردە ئاشكارا ئىپادىلىنىۋاتقان بۇ خىل مىللىي كەمسىتىش خاھىشى مۇشۇ ھالەتتە داۋاملاشسا،ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەكىتلەۋاتقان مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، قاراماي دائىرىلىرىنىڭ مەيداندا جىم ئولتۇرۇپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەۋاتقان ئاتا-ئانىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەققانىي تەلىپىنى ئاڭلىشىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئارزۇ قىلىۋاتقان قاراماينىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئالدىنقى شەرتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ،قارامايلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
«بىز قارامايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان مىللىي كەمسىتىش خاھىشىنىڭ توختىلىشىنى، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭمۇ كۆچمەنلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. تۈركۈم-تۈركۈم كۆچمەنلەرنى قارامايغا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن بۇ يەرنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان 5000 دىن ئارتۇق ياشنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ قاراماينىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە تىنچ تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى زۆرۈر.»