رابىيخان مۇسا: بالامنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن ئوتقا تاشلانسام رازىمەن

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىز بۈگۈن پاسپورتى تارتىۋېلىنغان 82 ياشلىق رابىيخان ئانىغا زوراۋانلىق قىلغان خىتاينىڭ بورتالا ساقچىلىرىغا داۋاملىق تېلېفون قىلىپ، رابىيخان ئانىنىڭ پاسپورت مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات سورىدى.

بورتالا ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىلشات ئۆزىنىڭ رابىيخان ئانىنىڭ پاسپورت مەسىلىسىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىدىن تېنىۋالدى. رابىيخان ئانىغا قىلىنغان زوراۋانلىق داۋامىدا تەرجىمانلىق قىلغان ساقچى خادىمى ئۆزىنىڭ ساقچىدا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. رابىيخان ئانىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ساقچى باشلىقى دىلشاتقا، ئەگەر پاسپورتى قولىغا بېرىلمىسە ئەھۋالنى ئۆز رەسىمى بىلەن بىرلىكتە ئۈندىداردا پاش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە بالىسىنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن ھەرقانداق جازاغا رازى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.