0:00 / 0:00
بىز ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر ئاڭلىتىشىمىزدا 2014-يىلى ۋېيتنامدىن قايتۇرۇلغان رىزۋانگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك قىزنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ 3 يىلدىن بېرى ئائىلىسىگە نامەلۇم ئىكەنلىكى، رىزۋانگۈل نوپۇسلۇق قاغىلىقتىكى ساقچىلارنىڭمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمىگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. مۇخبىرىمىز بۈگۈن رىزۋانگۈل تۇرسۇننىڭ 4 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان دادىسى تۇرسۇنجان سەمەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن، 7 پەرزەنتنىڭ ئاتىسى بولغان تۇرسۇنجان سەمەت ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ۋە قىزىدىن سەپەر ئۈستىدە ئايرىلىپ قېلىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.