خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدىن ئامېرىكىغا كەلگەن سىرلىق خەتنىڭ ئىگىسى تېپىلدى

0:00 / 0:00

خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدىن كەلگەن بىر پارچە خەت، خەت ئىگىسىنىڭ تەلىپى بويىچە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بىر مەھبۇس تەرىپىدىن يېزىلغان مەزكۇر خەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قانداق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنغان ۋە بۇنى دۇنياغا ئاڭلىتىش تەلەپ قىلىنغان. يېقىندا «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى بۇ خەتنى يازغان مەھبۇسنى تېپىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ئۆتكەن 10-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئورگېن شتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئايال بايراملىق سودا-سېتىق قىلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالغان نەرسىلىرىنى خالتىدىن چىقىرىشقا باشلىغىنىدا، خىتايدا ياسالغان بىر ئويۇنچۇقنىڭ خالتىسى ئىچىدىن سېرىلىپ چۈشكەن بىر پارچە مەكتۇپ ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقان. چالا-پۇچۇق ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان بۇ خەت «ئەگەر بۇ خەت سىزنىڭ قولىڭىزغا يېتىپ بارغان بولسا، سىزنىڭ ئۇنى دەرھال كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن، شۇنداق قىلسىڭىز بۇ يەردە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ تەقىبى ئاستىدا ياشاۋاتقان مىڭلىغان كىشى سىزدىن مىننەتدار بولىدۇ ۋە سىزنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ«دەپ باشلانغان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا بۇ ۋەقە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ ئورۇن ئېلىپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە سىغمىغان ئۆكتىچىلەرنى، دىنى پائالىيەتچىلىرىنى ئاپىرىپ سولاپ قويىدىغان، ھېچقانداق قانۇنسىز 4 يىلغىچە تۇتۇپ تۇرالايدىغان بۇ خىل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىغا دىققەت تارتقان ئىدى. ئەمما بۇ خەتنى يازغان كىشىنىڭ كىملىكى، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن بىر مەھبۇس ياكى پەقەت خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقچى بولغان بىر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى ئىكەنلىكى سىر پېتى قالغان ئىدى. يېقىندا «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى ئانجۇ جەيكوب ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرى ھەققىدە بىر كونا مەھبۇس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقىنىدا تاسادىپەن ئۇنىڭ دەل شۇ خەتنى يازغان كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. خەت ئىگىسى بېيجىڭدا ئولتۇرۇشلۇق، 47 ياشلىق كىشى بولۇپ، ئۇ فالۇنگۇڭ مۇرىتى بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، ماسەنجا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا قامالغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ماسەنجا ئۆزگەرتىش مەيدانىنىڭ قاچىلاش-ئوراش بۆلۈمىدە ئەمگەككە سېلىنغان. ئۇ ئۈستىگە ئىنگلىزچە خەت بېسىلغان خالتىلارنىڭ چوقۇم چەتئەلگە چىقىرىلىدىغان مال ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ، ئىككى يىل بويىچە 20 پارچە خەت يېزىپ، مەخپىي ھالدا بۇ چەتئەلگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللار ئوراپ-قاچىلانغان خالتا ئىچىگە سېلىپ قويغان. ئۇ بۇ خەتنى يېزىش ئۈچۈن ئىشخانا تازىلاشقا سېلىنغاندا تۈرمە نازارەتچىسىنىڭ قەلىمىنى ئوغۇرلىۋالغان. كېيىن يېرىم كېچىدە ئوغرىلىقچە خەتنى يېزىپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بايقىلىپ قېلىش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلىپ تۇرۇپ، توغرا پۇرسەتنى تېپىپ خەتلەرنى خالتا ئىچىگە سالغان ئىكەن. ئۇ «نيۇرك ۋاقتى» گېزىتىگە مۇنداق دېگەن:
«مەن ئۇزۇن يىل يازغان خەتلىرىمنىڭ ئاللىكىملەرنىڭ قولىغا تېگىشىنى ئۈمىد قىلىپ يۈردۈم. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ، خەتنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم» دېگەن. ئۇ كىملىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، پەقەتلا جاڭ دېگەن فامىلىسىنى ئېيتىپ بەرگەن.

مۇخبىر ئۆز خەۋىرىدە، ئۇ كىشىنىڭ خەت شەكلى ۋە چالا-پۇچۇق ئىنگلىزچىسىنىڭ ئۇ خەتتىكى بىلەن ئوخشاشلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، ئەگەر ھەقىقەتەن خەتنى جاڭ ئەپەندى يازغان بولسا ئۇ ھالدا بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىنغان داۋا پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دېگەن.

بىر قانچە ئاي ئاۋۋال خىتايدىكى مەلۇم ژۇرنال خىتايدا ئادەتتە ئاسانلىقچە كۆرۈلمەيدىغان بىر ئىش قىلىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى سۈرەتلىرى بىلەن ئېلان قىلغان ئىدى. مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەھۋال خىتايدىكى تۈرمىلەردە يېتىپ چىققان فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىغا ئىلھام بولغان ۋە بىر قانچە كىشى ئۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە ماقۇل بولغان.

مۇخبىر ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:
مەن زىيارەت قىلغان نەچچە ئون كونا مەھبۇس ھەممىسى بىردەك ھالدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا مەھبۇسلارنىڭ داۋاملىق تاياقلىنىدىغانلىقى، كۈنلەپ ئۇيقۇسىز قويۇلىدىغانلىقى ۋە ئادەم بەدىنىنى ئاغرىتىدىغان شەكىللەردە كىشەنلىنىدىغانلىقى، بەزى مەھبۇسلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك قىيناشقا بەرداشلىق بېرەلمەي، كېسەل تارتىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. بىرەيلەننىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ماسەنجا لاگېرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ۋە ياكى يەر ئاستى خرىستىئان چېركاۋلىرى ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان ئىكەن. قالغان يېرىمىنى بولسا زەھەرگە خۇمار بوپقالغانلار، ناشايان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە ئەرزدارلارنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇنداق لاگېرلاردا ئەڭ ئېغىر خورلىنىدىغانلىرى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى بولىدىكەن.

ئۇلار مۇخبىرغا قاماق نازارەتچىلىرىنىڭ بەزىدە مەھبۇسلارنىڭ 4 پۇتىنى 4 كارىۋاتقا باغلاپ قويۇپ، ئاندىن كارىۋاتنى قالايمىقان تېپىپ ئوينايدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىدە ئۇلارنى نەچچە كۈنلەپ شۇنداق تاشلاپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. مۇشۇ ئەھۋالنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن 51 ياشلىق فالۇنگۇڭ مۇرىتى «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرىغا «نازارەتچىلەرنىڭ قىقاس-چۇقانلىرى ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيدۇ، ئۇ يەردە خۇددى بىر جەھەننەمگە ئوخشايدۇ» دېگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى باربارا فرانسىس بۇ تۈرمىلەردە ئايلىنىۋاتقان پۇلنىڭ مىقدارىنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى، تۈرمە نازارەتچىلىرىنىڭمۇ پارا ئېلىش ۋە باشقا ھەر خىل يوللار ئارقىلىق پۇل تاپىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مانا مۇشۇنداق كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئۇلار ياراتقان ئىقتىسادىي قىممەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىدا ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ يىغىنلىرىدا خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي قانۇنسىزلىقى، بۇنى بىكار قىلىش لازىملىقى ھەققىدە چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن قارشىلىق پائالىيەتلىرىدە ئامېرىكىدا ۋە خەلقئارا بازارلاردا سېتىلىۋاتقان خىتاي ماللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئەمگەك لاگېرلىرىدا كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىش بەدىلىگە ياسالغانلىقى، شۇڭا «خىتايدا ياسالغان ماللار»نى ئالماسلىقى چاقىرىق قىلىنىپ كەلمەكتە.«نيۇيورك ۋاقتى»گېزىتى مۇخبىرى ئورگېن شتاتىدىكى ئاشۇ مەھبۇسنىڭ خېتىنى بايقىغان ئايال مال سېتىۋالغان سودا ساراي-«ك مارت» نىڭ ئىگىسى «سېيىرس شېركەتلەر گۇرۇھى» نى زىيارەت قىلغان.

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى شىركەت بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت مال سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ شىركەت گۇرۇھى خىتايدىكى بۇ زاۋۇتنىڭ ئىسمىنى بېرىشنى رەت قىلغان ئەمما ئۇ ئايال سېتىۋالغان جۈملىدىن شۇ لاگېرلاردا ئىشلەپ چىقىرىلغان ماللارنىڭ ماركىسىنى ئېيتىپ بەرگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر دۇنيادا پەقەت خىتايدىلا «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» نامىدىكى جازا لاگېرلىرى مەۋجۇت ئىكەن. بۇ خىل تۈزۈم، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگىمۇ خىلاپ ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازا مەيدانلىرى ئەڭ كۆپ جايلاشقان ئورۇنلارنىڭ بىرى ئىكەن. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئىگىدارچىلىقىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ جازا لاگېرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.