ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن خىتايدىن قېچىپ تايلاندتا قاپسىلىپ قالدى؟

0:00 / 0:00

2014-يىلى مارتتا ئۆزلىرىنى «تۈرك» دەپ ئاتىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغانلىقى ۋە «چېگرادىن قانۇنسىز كېرىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قامالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندە بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بىز بۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تايلاندقا سەپەر قىلغان ئىدۇق.

367 نەپەر «تۈرۈك پۇقراسى» تايلاندتا تۈرمىدە

تايلاندتا قاراتقان زىيارەتلىرىمىزدىن مەلۇم بولدىكى، نۆۋەتتە تايلاندنىڭ باڭكوك، رايوڭ، ھات ياي، ترات قاتارلىق شەھەر-رايونلىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا 367 نەپەر ئۆزلىرىنى «تۈرۈك پۇقراسى» دەپ ئاتىغان كىشى قامالغان ئىكەن.

تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ ئەتىسى يەنى 6-ئاپرېل ئەتىگەندە مەزكۇر شەھەرگە جايلاشقان تايلاند دۆلەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مەركىزىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا كەلدىم.

بۇ يەردە ئۆزلىرىنى «تۈرك پۇقراسى» دەپ ئاتايدىغان كىشىلەردىن 167 نەپەر قامالغان ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ يەردىكى تۈزۈم چىڭ ۋە بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈش چەكلەنگەن بولغاچقا ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئەھۋال ئىگىلەش ئىمكانى بولمىدى.

بۇ بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ بۇ يەرگە قامالغانلىقىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى 2014-يىلى 14-مارت ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە تايلاند ھۆكۈمىتىنى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان.

خىتاي دائىرىلىرى 2014-يىلى 14-نويابىردا بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەنلىكى، بۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتى بۇلارنى «ئۆزلىرىنى تۈرك دەپ ئاتايدىغان كىشىلەر» دەپ ئاتايدىكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسى 6-كۆچمەنلەر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى پولكوۋنىك چوسۇك پانۇتۇمپرون بۇ كىشىلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇلار ئۆزلىرىنى ‹تۈرك پۇقراسى› دەپ ئاتىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر. نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئۇلارنىڭ كىملىكنى ئېنىقلاش باسقۇچىدا. بۇلارنىڭ كىملىكى ئېنىقلانسا بۇ شۇ چاغدىكى ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىمىز.

ئۇيغۇرلار زۇلۇم سەۋەبىدىن خىتايدىن قاچقان

كاللامنى ھەرخىل سوئاللار چىرمىۋالغان ئىدى. بۇ كىشىلەرنى ئۇيغۇرمۇ دەپ تۇرايلى، ئۇنداقتا ئۇلارنى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا تۇپراقلىرىنى تەرك ئېتىپ، نەچچە دۆلەتنى پاسپورتسىز كېزىپ سەپەر قىلىش تەۋەككۈلچىلىكىگە ۋە جەبىر-جاپالىق مۇساپىرلىق سەپىرىگە مەجبۇرلىغان زادى نېمە؟

بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن تايلاندلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، باڭكوك شەھىرىگە جايلاشقان خەلقنى ھوقۇقلاندۇرۇش فوندى جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى شالىدا تاجارونسۇك مۇنداق دېدى: مەن بۇ كىشىلەرنى، يەنە ئۇيغۇر تۈكلىرىنى كۆرگىنىمدە ئۇلارنىڭ باشقىچىلا كىشىلەر ئىكەنلىكنى ھېس قىلدىم. ئۇلار خىتايغا قەتئىي ئوخشىمايتتى. ئۇلار بۇ يەرگە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئىرقىي كەمسىتىش سەۋەبىدىن كەلگەن ئىدى. ئەگەر كىشىلەر ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتتە خۇشال بولالمىسا، ئۇ دۆلەت ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى، دىنى، مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى ھۆرمەت قىلمىسا، ئۇنداقتا بۇنداق دۆلەتتە ياشىماق تەسلىشىدۇ. ئۇنداقكەن كىشىلەر ئەۋزەلرەك ھايات ئىزدەپ، بۇنداق دۆلەتنى تەرك ئېتىشكە ھەقلىق بولۇپ قالىدۇ.

بۇ نۇقتىنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇر مۇساپىرلار ۋە ئەينى چاغدا تايلاندتا تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ياش ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ تەكىتلىگەن ئىدى.

ئەمما مەن تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئېلىشقا بەكرەك قىزىقماقتا ئىدىم. ھالبۇكى بۇلار بىلەن كۆرۈش مۇمكىن بولمايۋاتاتتى.

ئۇيغۇرلار تۇتقۇنلار بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشەلمەي تىت-تىت بولۇپ تۇرۇۋاتقان چاغلىرىمدا تايلاندقا يېڭى كەلگەن يەنە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى ھەققىدە بىر ئۇچۇر ئالدىم. بۇ بىتەلەي ئۇيغۇر ياشمۇ بۇ يىل فېۋرالدا 3 نارەسىدە بالىسى ۋە ئېغىر ئاياق ئايالى بىلەن تايلاندتىن مالايشىياغا ئۆتۈش سەپىرىدە قولغا چۈشۈپ قالغان ئىكەن.

بىز بۇ ياشنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭ كىملىكى ۋە ھازىر قايسى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى توغرا تاپمىدۇق. ئۆزىنىڭ مۇساپىرلىق سەپىرى ھەققىدە توختالغان ئۇيغۇر ياش نېمە ئۈچۈن خىتايدىن «قارا» يوللار ئارقىلىق چىقىپ كېتىشنى تەۋەككۈل قىلغانلىقىنى ئاڭلاتتى.

تايلاندنىڭ شەيخۇل ئىسلامى ئەزىز پىتاكۇمپول ئەپەندىمۇ بۇ ئۇيغۇرلار تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغاندىن بۇيان تايلاندنىڭ ئەڭ ئالىي مۇسۇلمان رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتايدىن قېچىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئابدۇل ئەزىز پىتاكۇمپول ئەپەندىم ئۆز قاراشلىرىنى مۇنداق ئاڭلاتتى. ئۇ يەردە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بوغۇلغان. مانا شۇ سەۋەبتىن ئۇلار خىتايدىن قېچىۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۆزىنىڭ دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى جايىدا بەجا كەلتۈرۈش.

ئۇنداقتا بۇ ئۇيغۇرلار خىتايدىن تايلاندقا قانداق يوللار بىلەن كەلدى، ئۇلار قەيەرگە بارماقچى؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە باشقىلار ھەر خىل نۇقتىدا شەرھلەشكە تىرىشماقتا.