تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر مارالبېشى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان مىللى سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.
ۋوئېسېر ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى، مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى، ئانا تىلنى ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ تارايغانلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ مارالبېشى ۋەقەسىگە ئوخشاش قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتايدىكى تىبەتلىك ئايال يازغۇچى ۋوئېسېر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى تەنقىدلەيدىغان بىر قاتار ئەسەرلىرى سەۋەبلىك،خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەزگۈر شەخس دەپ قارىلىپ كەلگەن ئۆكتىچى يازغۇچى. يازغۇچى ۋوئېسېر ئۆزىنىڭ شەخسى بلوگىدا 1 - ماي كۈنى ئېلان قىلغان«سېنى تېرروچى دېسە، سەن ئەلۋەتتە تېررورچى ھېسابلىنىسەن...» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، 23 - ئاپرېل مارالبېشىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە بۇ ۋەقە ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان خەۋەرلەر بىلەن ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن ئىنكاسلارنى نەقىل ئېلىپ، مارالبېشى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان تەڭسىز سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ۋوئېسېر ماقالىسىدە مۇنداق بايانلارنى بېرىدۇ: «دائىرىلەر مارالبېشىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى دەپ ئېلان قىلدى. تەڭرىتاغ تورىدا «مارالبېشى ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 23 - ئاپرېل ئېغىر تېررورلۇق ۋەقەسى پاش قىلىندى» ناملىق ھىكايە ئېلان قىلىندى، ئارقىدىنلا خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى«تېررورلۇققا قارشى جەڭ»ناملىق مەخسۇس فىلىمنى ئىشلەپ تارقاتتى. ئەمما مەن بۇ تېررورلۇق ھىكايىسىگە ئىشىنەلمىدىم. چۈنكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىسمەتلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر ۋە تورداشلارنىڭ مارالبېشى ۋەقەسى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى ھۆكۈمەتنىڭ مارالبېشى ۋەقەسى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئىدى.»
تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر ماقالىسىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق دىنىي بېسىم سىياسىتىنى مىساللار بىلەن بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى قول قويغان خەلقئارا قانۇنلارنى ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ھەم ئۆز خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن.
ۋوئېسېر مۇنداق دەيدۇ:«بوشۈن تورىدىكى بىر خەۋەردە ساقچىلار ئېلىپ بارغان ئۆي ئاختۇرۇش ھەرىكىتىدە، بىر ئۇيغۇر ئايالنى ئۇنىڭ ئۆيىدىن تېپىلغان بىر يۈرۈش دىنىي كىتابلارنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇپ، سوراق قىلىپ مەسىلىسىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاۋاتقان بىر سۈرىتى بېسىلدى. مېنىڭ شۇنداق سورىغىم كېلىدۇ، سەن پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسىغا نېمىگە ئاساسەن باستۇرۇپ كىرىپ خالىغانچە ئاختۇرىسەن؟ نېمىگە ئاساسەن باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەيسەن؟ تور بېكەتلىرىدە يەنە شۇنداق بىر سۈرەتنى كۆردۈم. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى شەھىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدىكى مەلۇم تاختىغا، خانىملار، ئاياللار يۈزىڭىزدىكى چۈمبىلىڭىزنى قايرىۋېتىڭ، مەدەنىي جەمئىيىتىمىزگە تەسىر يەتكۈزمەڭ، دېگەن سۆزلەر يېزىلىپتۇ. تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا يەنە 40 ياشتىن تۆۋەن بولغان ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى، 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ساقچىخانىغا كىملىكىنى ئېلىپ بېرىپ، ساقال قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالغاندىن كېيىنلا ئاندىن ساقال قويالايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بار ئىكەن. ئەجىبا دائىرىلەر جۇڭگو قانۇنىدا بېكىتىلگەن پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى مۇشۇنداق دەپسەندە قىلسا، پۇقرالار ئارىسىدا نارازىلىق قوزغالماسمۇ؟!»
ۋوئېسېر يەنە ئۆتكەن ھەپتە تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان، مەكىت ناھىيىسىدىكى مەلۇم يېزىدا تارقىتىلغان «دېھقانلاردىن مۇقىملۇق ساقلاش خىراجىتى يىغىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ.
«جەنۇبىي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېزىلاردىكى دېھقانلار ھەر ئايدا ھۆكۈمەتكە مۇقىملىق خىراجىتى تاپشۇرىدىكەن. بۇ پۇللار شۇ رايوندا مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن خەلق ئەسكەرلىرىگە مائاش قىلىپ تارقىتىلىدىكەن. بەزى جايلاردا ھەر بىر ئائىلىنىڭ مۇقىملىق ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان پۇلى بىر يىلدا 1000 سومدىن ئاشىدىغانلىقى بايان قىلىنىپتۇ. بۇنىڭ قارا گۇرۇھلارنىڭ پۇقرالاردىن ئالغان قوغداش پۇلىدىن نېمە پەرقى؟ ئەگەر ھۆكۈمەت خەلق ئەسكەرلىرىنى بېقىشقا قۇربى يەتمىسە خەلق ئەسكەرلىرىنى ئىشلەتمىسىلا بولمىدىمۇ، بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن پۇقرالارنىڭ پۇلىنى بۇلىماسلىق كېرەكتە!»
ۋوئېسېر ماقالىسىنىڭ ئاخىرقى بايانلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مارالبېشى ۋەقەسىنى تېررورلۇق ۋەقەسى دېگەن تەشۋىقاتىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق بايانلارنى بېرىدۇ.
«شىنجاڭدىكى مارالبېشى ۋەقەسى ھەققىدە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تېررورلۇق ۋەقەسى دېگەننى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئەمما بۇنى ئىسپاتلىغۇدەك پاكىتلارنى كۆرسىتىپ بېرەلمىدى. ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدىكى بىرقانچە مۈجىمەللىك ھەققىدە سوئال قويغۇم كېلىدۇ. 1 - دىن، ئادەتتە تېررورلۇق ۋەقەلىرى تېررورچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشى بىلەن يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارىتىلىدۇ. ئەمما بۇ ۋەقە شۇ رايوننى تەكشۈرۈشكە بارغان ساقچى، كادىرلار ئۆيلەرنى تەكشۈرۈۋاتقاندا يۈز بېرىپتۇ. 2 - دىن، مەھەللە خادىملىرى نېمە ئۈچۈن ئۆيلەرنى تەكشۈرۈشكە بارىدۇ؟ ئۆي تەكشۈرۈشتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردىمۇ؟ نېمە سەۋەبتىن توقۇنۇش كېلىپ چىقتى؟ بۇ ئەھۋاللار گۇمان قوزغايدۇ. 3 - دىن بۇ ۋەقەنى دىنىي رادىكاللارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى دەپتۇ. ئۇنداقتا، ئۇلار كىمگە، نېمە سەۋەبتىن قارشىلىق قىلدى؟ 4 - ، ھۆكۈمەت بۇ ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ بېكىتتى. ئەمما ئۇلار تەشۋىقاتىدا بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ خەلقئارادىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىكى ئۆلچەم - بەلگىلىمىلەرنىڭ قايسىسىغا چۈشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىدى.»
ئىككى ھەپتىدىن بۇيان 23 - ئاپرېل مارالبېشى ۋەقەسى ۋە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەر بېرىلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دەپ بېكىتىپ، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ - ئادەت، مائارىپ - تىل قاتارلىق جەھەتلەردىكى چەكلىمىلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى مارالبېشى ۋەقەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان تەڭسىز سىياسىتىگە قارشى قارشىلىق ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
0:00 / 0:00