تىبەتتە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە؟

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنى كىملىك ئارقىلىق پەرقلەندۈرىدىغان ۋە كونترول قىلىدىغان ئالاھىدە تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى لاسا شەھىرىگە كىرىش ئېغىزىدىكى ساقچى پونكىتلىرىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئالدىنقى كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئۆزىنىڭ تىبەتتە كۆرگەن-بىلگەنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ 15 يىلدىن بۇيان تىبەتتە سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر ئۆزىنىڭ قۇرۇق مېۋە-چېۋە ساتىدىغان مۇقىم دۇكىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما يېقىندىن بۇيان تىبەتتە داۋاملىق تۇرۇشنىڭ قىيىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تىبەتنىڭ شىگاتسې ۋىلايىتىدىن داۋاملىق لاساغا قاتناپ ماللىرىنى ئالغىلى بارىدىغانلىقىنى، ئەمما يېقىندىن بۇيان تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىكى نازارەتنىڭ ھەسسىلەپ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك نورمال سودا ۋە تۇرمۇشىنىڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ بۇنىڭدىن بىرقانچە كۈنلەر ئىلگىرى لاساغا قىلغان سەپىرىدە قاتتىق تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلگەنلىكىنى، خۇددى ئاپتوماتىك پۇل چىقىرىش ماشىنىسىغا ئوخشاش شەكىلدىكى ئالاھىدە بىر تەكشۈرۈش ماشىنىسىغا ھەممە يولۇچىنىڭ ئۆز كىملىكلىرىنى سۈركەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك تىبەتلەر بىلەن خەنزۇلار كىملىكىنى ھېلىقى ماشىنىغا تەگكۈزگەندە «دىت» قىلغان نورمال ئاۋاز چىقىدىكەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار ئۆز كىملىكىنى ماشىنىغا سۈركىگەن ھامان يۇقىرى ئاۋازدا سىگنال چىقىرىپ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىكەن.

بىز بۇ ئەھۋالنىڭ چىنلىقىنى يەنىمۇ دەلىللەش ئۈچۈن لاسا شەھىرىدە 15 يىلدىن بۇيان دۇكان ئېچىۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىگە تېلېفون قىلدۇق.

ئۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندىن بۇيان تىبەتتە ئۇيغۇرلارغا بولغان نازارەتنىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيگەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى بېسىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا تىبەتلىكلەرنىڭ نىسبەتەن ئەركىنرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، ئۆتكەن ئايدا لاسادىن شىگاتسې ۋىلايىتىگە بېرىپ قايتىشىدا ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، تەكشۈرۈش پونكىتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماشىنىدا ئاپتوماتىك پەرق ئېتىش سىستېمىسى بار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى سۈركەلگەن ھامان يۇقىرى ئاۋازدا سىگنال تارقىتىپ، ئەتراپقا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ساقچى ۋە قاراۋۇللار بىراقلا جىددىيلىشىپ، ئۇيغۇر يولۇچىلارنى قايتىدىن تەكشۈرۈشكە باشلايدىكەن.

بۇ خىل كىملىك تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ تىبەتتىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىدا ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلمىگەنلىكى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق ئۇچۇر يوق.