تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بايانلىرى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي زۇلۇمىنىڭ چېكىدىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۈركىيەدە خىتايغا بولغان نارازىلىق ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلماقتا. ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلار سىياسەتچىلەر، ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئاكادېمىك يازغۇچىلار پۇتبولچىلار، سەنئەتچىلەر بولۇپ ھەر ساھە تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ پىكىر-بايان قىلماقتا.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە مۇھىم مەشھۇر شەخسلەر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.

تۈركىيەدە سىياسىي پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقماسلىق، كۆڭۈل بۆلمەسلىك توغرىسىدا بىر-بىرىنى تەنقىدلەش ۋە تالاش تارتىشلار باشلاندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى رەئىسى دۆلەت باھچېلىنىڭ، ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىك بىلەن تەنقىد قىلىپ بەرگەن باياناتىغا رەددىيە بەردى.

دۆلەت باھچېلى: «كوبانىغا يىغلىغانلار قەشقەرگە كۈلىدۇ ۋە زۇلۇمغا ئورتاق بولىدۇ» دېدى.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دۆلەت باھچېلى، تۋتتېر ئارقىلىق ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىك بىلەن ئەيىبلەپ تەنقىد قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «مۇبارەك رامزان كۈنلەرنىڭ كەيپىنى، پەزىلىتىنى ھاياجان بىلەن ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. ئاللاھقا بەندىچىلىك ۋەزىپىمىزنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلىۋاتىمىز. بىر تەرەپتە دۇمباق ئاۋازى بىلەن باشلانغان سۇھۇرلۇق ئالدىراشلىقى يەنە بىر تەرەپتە سەبىرنىڭ ۋە شۈكۈرنىڭ مۇكاپاتى بولغان ئىپتار داستىخانلارنىڭ ھۇزۇر ۋە بەرىكىتى. گۈزەللىك مانا مۇشۇنداق بولىدۇ.»

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى دۆلەت باھچېلىنىڭ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ھەر كىم ئولتۇرسا-قوپسا كوبانىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. نىشانتېشىدىن يۈكسەكئۇۋاغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالدىغا كەلگەن ھەر كىم كوبانىدىكى ئىككى گۇرۇپپىنىڭ توقۇنۇشلىرىنى ئاساسىي مەسىلىگە ئايلاندۇرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زالىملىقى توغرىسىدا ھېچ كىم سۆزلەشمەيدۇ. ھېچ كىم تىلغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ. كوبانى ئۈچۈن يىغلىغانلار قەشقەر ئۈچۈن كۈلىدۇ ۋە زۇلۇمغا ئورتاق بولىدۇ.

باياناتنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئۇيغۇر تۈركلىرىنى روزا تۇتماڭلار، ناماز قىلماڭلار ۋە ھەتتا نەپەس ئالماڭلار دەيدۇ. مەنىۋى قىممەتلەرنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ، تۈركلىرىنى يوق قىلىشنى پىلانلىدى. مەۋجۇتلۇقىنى قوغدايدىغان ئېتىقادى بىلەن مىللىي كىملىكى بىلەن سادىق ياشايدىغان 28 ئۇيغۇر تۈركى 22-ئىيۇن كۈنى قەشقەردە ھېچ ئىچ ئاغرىتماستىن شېھىت قىلىندى. بۇنىڭغا قارشى ھېچ قانداق كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىدىن، ھېچ قانداق بىر دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك سەۋدايىسى تەشكىلاتلاردىن قارشىلىق كەلمىدى. نېمە ئۈچۈن دېگەندە ئۆلتۈرۈلگەنلەر تۈرك ئىدى. قانداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن. ‹تۈرك دۇنياسى سالامەت بولسۇن› دەيمەن.»

دۆلەت باھچېلى باياناتتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمىغانلىق بىلەن تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمان تۈركنىڭ ئاھۇ-پىغانلىرىنىڭ يەردە قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. كۆك بايراقنى قانغا بويىدى. ئەمما ھېچ كىمنىڭ خەۋىرى بولمىدى خەۋىرى بولغانلارنىڭ تىلى كوبانى كوبانى دەپ سايرىدى. شەرقىي تۈركىستانغا كۆزىنى يۇمۇپ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەنلەر ئىمپېرىئالىزمغا قۇللۇق خىزمىتى قىلغان كۇبانىچىلارنى، پى كى كى شايكىلىرىنى مۈرىسىگە ئالدى.»

بۇ باياناتقا قارىتا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەددىيە بېرىپ، نەچچە مىڭ ئۇيغۇرغا ۋەتەنداشلىق بەرگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا تۈركىيە ئىشىكىنى ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى: «قارايدىغان بولساق بەزى سىياسەتچىلەر چىقىپ ماڭا قارىتا گەپ ئېتىۋاتىدۇ، ‹پەقەت ئەرەبلەر بىلەن كوبانىدىكىلەر بىلەن تەل ئابيادتىكىلەر بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقانلار ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئۇنتىدۇ› دەيدۇ. ئۇ زاتقا مەن شۇنداق دەيمەن: ‹سەن ئۇيغۇر تۈركلىرى ياشىغان يەرگە ھاياتىڭدا بىر قېتىم باردىڭمۇ؟› ئەمما تاييپ ئەردوغان باردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ سۆزلىگەن ئىدىم يەنە سۆزلەيمەن، نەچچە مىڭلىغان ۋەتەنلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلغان دۆلەت بىزنىڭ دۆلەت بولدى. بىزنىڭ قارارىمىز بىلەن بولدى.»

ئەردوغان سۆزىدە يەنە دۆلەت باھچېلىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «سەن مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپە ئۆتىگەن زاماندا قانچە كىشىنى ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلدىڭ؟ بىز بۇنى قىلدۇق، بۇنىڭ قارارىنى ئالغان بىر ھۆكۈمەت بىز. چۈنكى مەزلۇملارغا ئىشىكىمىزنى ھازىر ئىككى مىليون مەزلۇمغا قانداق ئاچقان بولساق ئۇيغۇرلارغىمۇ شۇنداق ئاچتۇق. بىز بۇ يەردە ئايرىمىچىلىق قىلمىدۇق، ئۆلۈمدىن قاچقانلارغا ھەر زامان ئىشىكىمىز ئوچۇق دېدۇق، ئوچۇق تۇتتۇق ۋە بۇنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق.»