غۇلجىدىكى «مېلودىيە چايخانىسى» نىڭ ساھىبى تۈرمىدە ئاغرىغان، دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.01.15
turmide-olgen-yasinjan-moydin.jpg غۇلجا شەھىرىدىكى «مېلودىيە چايخانىسى» نىڭ ساھىبى، تىجارەتچى ياسىنجان مويدىن.
RFA/Shöhret Hoshur

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا رادىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، غۇلجا شەھىرىدىكى «مېلودىيە چايخانىسى» نىڭ ساھىبى، تىجارەتچى ياسىنجان مويدىننىڭ 6-7 ئاي ئاۋۋال ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، 11‏-ئاينىڭ ئاخىرى تۈرمىدىن زەمبىلگە سېلىنغان ھالەتتە ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغانلىقى ۋە ئۈرۈمچىدە داۋالىنىش داۋامىدا ساقىيالماي ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان، غۇلجا ۋەزىيىتى ۋە ياسىنجان مويدىننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى يېقىندا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياسىنجان مويدىننىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ تۈرمىگە كىرىشتىن بۇرۇن ساق-سالامەت بېجىرىم بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۇر مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، «مېلودىيە چايخانىسى» غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۈچدەرۋازىدىكى مەشرەپباي كوچىسىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ 43 ياشلىق ساھىبى ياسىنجان مويدىن بۇلتۇر 4-ئايدا نامەلۇم سەۋەب ‏بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن. 11 ۋە 19 ياشلىق ئىككى پەرزەنتنىڭ دادىسى بولغان ياسىنجان مويدىن تۈرمىدە 6 ئاي ياتقاندىن كېيىن، ئېغىر كېسەل ھالەتتە ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان. نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان، غۇلجا ۋەزىيىتى ۋە ياسىنجان مويدىننىڭ ئائىلە ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىر كىشى يېقىندا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياسىنجان مويدىننىڭ تۇتۇلۇشى ۋە ئۆلۈمى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى مەلۇم قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە ياسىنجان مويدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىدىكى بوز تۈرمىگە ئاپىرىلغان. ياسىنجان مويدىن تېخى تەكشۈرۈلۈۋاتقان، دېلو ئاخىرلاشمىغان بىر پەيتتە ئۇنىڭ سالامەتلىكىدىن ئېغىر دەرىجىدە مەسىلە كۆرۈلگەن. كوچا خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، ياسىنجان مويدىن زەمبىلىگە سېلىنىپ ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان. قېرىنداشلىرى ياسىنجاننى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ جىددىي شەكىلدە داۋالاتقان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «مېلودىيە چايخانىسى»، يەنى تېز تاماقخانىسىنى باشقۇرۇۋاتقان ياسىنجاننىڭ ئايالى مەرھابا خانىم، ئىلگىرىكى يىللاردا تۈركىيەگە ساياھەتكە بارغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ۋە بىر قېتىم «تەربىيە» لىنىپ يېنىپ چىققان. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكى، ياسىنجاننىڭ ئايالى مەرھابامۇ گۇمان ۋە نازارەت ئاستىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ياسىنجاننىڭ تۈرمىدە قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى ياكى دوختۇرخانىنىڭ قانداق دىئاگنوز قويغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياسىنجاننىڭ قانداق گۇمان بىلەن تۇتۇلغانلىقى، تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا نېمىلەرنىڭ ئايدىڭلاشقانلىقى ياسىنجاننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغىمۇ مەلۇم ئەمەس.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىنىشىچە، ياسىنجان تۈرمىدە قېيىن-قىستاقتىن ئېغىر زەخىملەنگەن ياكى تۈرمىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى ناچار شارائىت تۈپەيلىدىن كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ يەنە ياسىنجاننىڭ سالامەتلىكى يامانلاشقاندىن كېيىن خېلى مەزگىلگىچە ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغانلىقى، داۋالىمىغانلىقى، ئۇنىڭ ھايات قېلىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەندىلا ئاندىن ئائىلىسىگە قايتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.