تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇنتۇلمىغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

16-ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىبراھىم ئۈزۈمچى يىغىن زالىدا «ئۇنتۇلمىغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىننى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش كۇلۇبى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى قۇلۇپ باشلىقى ۋەلى ئاقىن ئەپەندى قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، نۇتقىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:
«ئېزىلىۋاتقان مەزلۇم تۈرك زېمىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ياشاش مەجبۇرىيىتىدە قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش بىز تۈرك ياشلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ۋەزىپىمىز. شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستان تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى بىزنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇيىمىز. بۈگۈنكى يىغىنىمىزغا دوكلات بېرىش ئۈچۈن كەلگەن خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن ئابدۇرېھىم قەشقەرلى ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمىز».

ئارقىدىن خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، نۇقتىلىق ھالدا 2009-يىلىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى مىساللار بىلەن ئاڭلاتتى.

ئارقىدىن بۇندىن 20 يىل بۇرۇن بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ، ھازىر ئىستانبۇل سانجاقتەپە 75-يىل باشلانغۇچ مەكتىپىدە مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئابدۇرېھىم قەشقەرلى ئەپەندى دوكلات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

دوكلات بېرىش يىغىنى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.