ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان رايوندىكى ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى بارغانچە كۈچەيتىپ، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىكى ۋە خەلقئارادىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىلىشىنى چەكلىگەندىن باشقا، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا «تەتقىقات تېمىلىرى» خىراجىتى بېرىپ، ئۇلارنى شەخسى نامىدا ماقالە ئېلان قىلدۇرماقتا.
بۇ يىل 24-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدىن «جۇڭگو قىزىل رەڭلىك مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى» تور بېكىتىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان دوتسېنتى، قانۇن پەنلىرى دوكتورى ئادىل ئابلەتنىڭ «چەتئەللەردىكى ‹شىنجاڭ مۇستەقىللىقى› كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان تور تەشۋىقاتى ۋە ئۇنىڭ زىيىنى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالە چەتئەللەردىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىگە كۆچۈرۈپ بېسىلغاندىن كېيىن، ماقالىدە ئاتالمىش«شىنجاڭ مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىنىڭ تور بېكەتلىرى نامىدا تىلغا ئېلىنغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ۋە قاراشلار، ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنتېرنېت كونتروللۇقى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئەنگلىيەدىكى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ۋە كانادادىكى ئۆمەرجان ئەپەندىلەر رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ تۈرگە زور مەبلەغ سېلىپ بۇ جەھەتتە ئاتالمىش تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشىدىكى مەقسەتلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغان چاغدىلا ماقالىنى ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ماقالىنىڭ بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنىشىنىڭ مەلۇم سىياسىي مەقسەت ئېھتىياجىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان «ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى تور بېكىتى»، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور بېكىتى»، «فېيىسبوك»، «تۋىتېر» ۋە «ياخۇ» قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان تور بېكەتلىرى ئىكەنلىكىنى ئەمما، دائىرىلەرنىڭ بۇ تور بېكەتلىرىنى ئاتالمىش«شىنجاڭ مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىنىڭ تور بېكەتلىرى دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا باغلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ماقالىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىنتېرنېت ئالاقىسى ئومۇملىشىشقا باشلىغان يېقىنقى 20-يىلدىن بۇيانلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن بۇيانلا بارلىققا كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، دائىرىلەرنىڭ بۇنداق ماقالىنى ئېلان قىلىشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى يەنىمۇ قاتتىق باستۇرۇشقا ئاساس ئىزدەۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كانادادىكى ئۆمەرجان ئەپەندى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى بولۇش بىلەن بىللە يەنە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان زىيالىيلاردىن بىرى.
ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان ئىنتېرنېت كونتروللۇقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت چەكلىمىلىرىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «دائىرىلەر شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈشتىن توسقان ھالەتتىمۇ، ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر-ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتەلمەيدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرى ئىچىدە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ خىتايدىكى ھەرقانداق بىر ئۆلكىلىرىدىنمۇ ئېغىر بولۇۋاتقانلىقى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان.
3-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سارىيى 2013-يىللىق يەرشارى تور ئەركىنلىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قىسمىدا، «جۇڭگو ئۇدا ئىككىنچى يىلى تور ئەركىنلىكى ئېغىر دەرىجىدە باستۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى» دەپ كۆرسىتىلدى.
دوكلاتتا خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىنتېرنېت قامالى تەنقىد قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر رايونىدىكى ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكى ئەمەلىي مىساللار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا 2013-يىلنىڭ ئىچىدە چەتئەل تورلىرىغا كىرىپ ئۇچۇر كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇيغۇر رايونىدىن 20 كىشىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىپ،9 يىلدىن 10 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مىسالغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتايدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئەڭ قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنىڭ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەھۋاللاردىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كۆرگۈچىلەرگە قارىتا قاتتىق جازالاشنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يىل 24-ئىيۇل كۈنى « ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى» ئېلان قىلغان دوكلاتىدا تىبەت ئاپتونوم رايونى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ساقچىلارنىڭ پۇقرالارنىڭ كومپيۇتېر ۋە يانفونلىرىدىكى «چەكلىگەن» مەزمۇنلارنى ئاختۇرۇپ، بىر قانچە ئون كىشىنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى «ئىنتېرنېت ۋە كۆچمە ساقلىغۇچىلاردىن پايدىلىنىپ، پىلانلىق، تەشكىللىك ھالدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، دۆلەتنى پارچىلاش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەن نامدا 20 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.