ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىلىرىمىزدا، خوتەندە بىر خىتاي پارتكوم سېكرېتارىنىڭ، 17 ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ ئىككى نەپىرىنى مېيىپ قىلىپ قويغانلىقى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن بىرى تەيىنلىگەن رەئىس نۇر بەكرىگە ئەرز قىلىپ بارغىنىدا نۇر بەكرىنىڭ «خەنزۇنى بولدى قىلىڭ، ئۇيغۇرنى جازالاپ بېرەيلى» دېگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، خىتاي سېكرېتار تەرىپىدىن ئۇرۇپ مېيىپ قىلىنغان مەمتىمىن مەتتوختىنىڭ ۋەقەنى ئاخباراتقا ئاشكارىلانغانلىقى ۋە بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن خىتاي سوتى تەرىپىدىن 3 يىللىق كېسىلگەنلىكى، مەھكۈمنىڭ 7 ئاينىڭ ئالدىدا جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ ئەرزىنى قايتىدىن داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئاڭلىتىمىز.
كېرىيەدىكى خىتاي سېكرېتار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مەمتىمىن مەتتوختى تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرىدىن كۈتكەن ياردەمگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، 2009 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارغان. بۇ چاغدا سېكرېتار لى روڭ بېيجىڭغا ئۆز خادىملارنى ئەۋەتىپ ئۇنى كويزا - كىشەنلىك ھالدا بېيجىڭدىن تۇتۇپ كەتكەن. ئەمما مەتتوختىنىڭ نەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئائىلىسىگە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. 6 ئايغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىغاندىن كېيىن مەمتىمىن مەتتوختىنىڭ دادىسى ئاپتونۇم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا يېتىۋېلىپ ئوغلىنىڭ ئۇچۇرىنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە، مەمتىمىن مەتوختىنىڭ كېرىيە تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. 2010 - يىلنىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ كېرىيە سوتى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، مەمتىمىن مەتتوختىنى قانۇنسىز ئەرز قىلىش، ۋەقە تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ۋە توردا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق ئاتالمىش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. مەتتوختى ئائىلىسى كېرىيەنىڭ سوتىنىڭ بۇ ھۆكۈمىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. خوتەن ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقۇرى سوت مەھكىمىسىمۇ مەتتوختى ئائىلىسىنىڭ نارازىلىق ئەرزنى رەت قىلىپ، كېرىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ (ئەمەلىيەتتە لى روڭنىڭ( ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلغان.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى قولىمىزغا چۈشكەن سوت ھۆكۈملىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەمتىمىن مەتتوختى 2009 - يىلى توردا مۇراجىەتنامە ئېلان قىلىپ خىتاي سېكرىتارنىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان. " ئادالەتنى ياقىلىغۇچىلار، ماڭا ياردەم قىلىڭلار!" ناملىق بۇ مۇراجىەتنامە ئەينى چاغدا شەبنەم، سەلكىن ۋە»باغداش«قاتارلىق 8 توردا ئېلان قىلىنىپ 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى كۆرگەن. بۇ ئەھۋال سوت ھۆكۈمىدە قۇتراتقۇلۇققا پاكىت دەپ كۆرسىتىلگەن.
مېيىپ مەمتىمىن مەتتوختى تۈرمىدە 30 ئاي يېتىپ يەنى جازا مۇددىتىنى تولۇق تاماملاپ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا قويۇۋېتىلگەن. مەزكۇر ئائىلە ئۆتكەن ئالتە يىل جەريانىدا توپا تۈرتۈش ماشىنىسى قاتارلىق بارلىق مال - مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلغان ۋە 600 مىڭ يۈەن قىممىتىدە چىقىمدار بولغان. نۆۋەتتە بۇ ئائىلە مەزكۇر چىقىمىنى تىرىلدۈرۈش ۋە سابىق سېكرېتار لى روڭنى جازالىتىش ئۈچۈن يەنە ئەرز قىلماقتا.
0:00 / 0:00
