خىتاينىڭ «جىھادچىلىققا» دۆڭگەپ، ئۇيغۇر تور قوللانغۇچىلىرىنى باستۇرغانلىقى ئەيىبلەندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 8‏-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ توردىكى پائالىيىتى سەۋەبلىك خىتاينىڭ باستۇرۇش نىشانىغا ئايلانغانلىقىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار مىخانىزىمىنى ئىشقا سېلىپ، تور قوللانغۇچىلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىگە قارشى قوزغىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ۋە خەلقئارا قانۇنلاردا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان سۆز ئەركىنلىك ھوقۇقىنى بوغۇشقا يۈزلەنگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئالىم سېيتوف، بىز توردىكى پائالىيىتى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان، جازالانغان ۋە مەھكۇم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، دەپ كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ شەرقىدە دائىرىلەر توردا پارتىيەنى تەنقىد قىلىشنى چەكلەپ كەلگەن بولسا، شەرقىي تۈركىستاندا يېقىندا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش ياكى خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشى، قوش تىل ئىجرائاتى ۋە خىتاي كۆچمەنلەر سىياسىتىنى پاش قىلىشقا ئۇرۇنغان ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ كەلدى، دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تور پائالىيىتى سەۋەبلىك باستۇرۇش نىشانىغا ئايلىنىشى خىتاي ئالىي سوتى ۋە ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يېقىندا چىقارغان قارارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر تور قوللانغۇچىلىرىنى باستۇرۇشى يېڭىلىق بولمىسىمۇ، بىراق يۇقىرىقى ئىككى مەھكىمىنىڭ يېقىندا چىقارغان قارارى ئۇلارغا قانۇنى ئاساس ھازىرلاپ بەرگەن.

خىتاينىڭ ئىككى ئالىي مەھكىمىسى يېقىندا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېنىقلىما بېرىپ، توردا «ئىغۋا» تارقاتقۇچىلارنىڭ تورغا چاپلىغان«ئىغۋاسى» نىڭ كۆرۈلۈش ۋە قېتىم سانى 500 گە يەتسە، «ئىغۋاگەر»نىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ قارار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئۆكتىچى خىتاي ئادۋۇكاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، بۇنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بېيجىڭدا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جياڭ تيەنيوڭ ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تور پائالىيەتچىلىرىنى «جىھاد» ئىدىيىسىنى تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، نىمىنىڭ ئىغۋا، نىمىنىڭ ئىغۋا ئەمەسلىكىگە ھۆكۈمەت ياكى ئىككى مەھكىمىنىڭ قارار قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

جاڭ تيەنيوڭ مۇنداق دەيدۇ: ھۆكۈمەتنىڭ نىمىنىڭ ئىغۋا، نىمىنىڭ ئىغۋا ئەمەسلىكىگە قارار قىلىش ھوقۇقى يوق. ھۆكۈمەت ھەقىقەتكە كېپىللىك قىلالمايدۇ. ئەگەر نىمىنىڭ ئىغۋالىقىنى ھۆكۈمەت قارار قىلسا، ئۇ ياخشى كۆرمەيدىغان ھەممە ئادەمنىڭ سۆزى ئىغۋا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ كىشىنى قورقۇنچقا سالىدىغان بىر ئەھۋال. ئالىي سوت بۇ خىل تەبىر بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى. ئالىي سوت ۋە ئالىي تەپتىشنىڭ بۇنداق بىمەنە قارارنى چىقىرىش ھوقۇقى يوق. ئۇ پەقەت قانۇننى قانداق تەتبىقلاش ھەققىدە پىكىر بىلدۈرسە بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ مەلۇم بىر قىلمىشنى قانداق جازالاش توغرۇلۇق قارار چىقىرىش ھوقۇقى يوق. پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى ئۇنىڭ ئىغۋا تارقىتىش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ سۆزىگە كاپالەتلىك قىلالمىسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزى ھەقىقەت بولۇۋېرىدۇ. ئەگەر مەن پەقەت ھەقىقەتنىلا سۆزلەيمەن، دەيدىغان بولسام، ئۇ چاغدا ئادەملەر ھېچ گەپ قىلماسلىقى كېرەك.

خىتاي «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى بىرناكۇن بەرگەن خەۋىرىدە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى ئاي ئىچىدە 256 كىشىگە توردا ئىغۋا تارقاتقانلىقى ئۈچۈن مەمۇرى چارە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بولسا، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 139 كىشىنىڭ توردا جىھاد ئىدىيىسىنى تارقىتىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىسمى ۋە كىملىكىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان. پەقەت، قولغا ئېلىنغانلاردىن بىر كىشىنىڭ قەشقەر بەشكىرەمدىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، ئۇنىڭ تور ئېچىپ رادىكال دىنىي ئىدىيىلەرنى تارقاتقانلىقى، ھازىر قەشقەر شەھىرىدىكى بىر سولاقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، قولغا ئېلىنغان 20 ياشلاردىكى يەنە بىر تۇتقۇننىڭ خوتەن لوپ ناھىيىلىك سولاقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، لوپ ناھىيىسىنىڭ ئىسلام ئاۋات يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بۇ ياشنىڭ توردا چەكلەنگەن ماتېرىياللارنى تارقىتىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىپلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ياش تورغا قويغان بۆلگۈنچىلىككە ئائىت كىتابلارنىڭ ئوقۇلۇش قېتىم سانى 30 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىراق جاڭ تيەنيوڭ، قانۇندا قانداق پكىرلەرنىڭ دىنىي رادىكاللىققا كىرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئېنىق بەلگىلىمە يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقاتىنى گەۋدىلەشدۈرۈش ئىپادە ئەركىنلىكىگە كىرىدىغانلىقى، دىنىي ئېتىقاتنى رادىكال، دەپ تەرىپلەشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، بۇنىڭغا ھېچقانداق كونكرېت بەلگىلىمە يوق. ئۇ ھالدا بۇ يەردىكى مەسىلە شۇ، قانۇندا كونكرېت بەلگىلىمىسى يوق نەرسە قانداق قىلىپ بۇنداق ئاتىلىپ قالدى؟ ئۇ سېنى رادىكال دېسە، سەن رادىكال، ئۇ سېنى بۆلگۈنچى دېسە، سەن بۆلگۈنچى، ئۇ سېنى ئىغۋاگەر دېسە، ئىغۋاگەر بولامدۇ. قانۇندا قانداق قىلمىشنىڭ رادىكال ئىكەنلىكى توغرۇلۇق بەلگىلىمە بارلىقىنى مەن كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇنىڭغا بۇنداق ئېنىقلىما بېرىشكە بولمايدۇ. دىن بىر ئېتىقاد مەسىلىسى، ئۇنىڭغا قانداقمۇ رادىكال-رادىكال ئەمەس، دەپ ئېنىقلىما بەرگىلى بولىدۇ. ئۇ پەقەت قەستەن ئادەم ئۆلتۈرمىسە، ئادەم ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلمىسا، زوراۋانلىققا ئارىلاشمىسا ئۇنى رادىكال دەپ تەرىپلەشكە بولمايدۇ. ئەپسۇسكى، ھۆكۈمەت بۇنداق قارىمايدۇ. ھۆكۈمەت زادى قانداق قارايدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭمۇ چۈشەنچىسى مۈجمەل. ئۇ سېنى تۇتۇۋالسا، سېنىڭ گېپىڭ رادىكال، دەپ تۇرۇۋالىدۇ. مەن نىمىنىڭ رادىكال ئىدىيە ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە چەك-چىگرىسى توغرۇلۇق كونكرېت بەلگىلىمە بارلىقىنى بىلمەيمەن، دەپ كۆرسەتتى.

ئا ئۇ ب نىڭ باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى «دىنىي ئەسەبىلەر» دەپ كۆرسىتىپ، لېكىن ئۇلار ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمەسلىكىدىكى سەۋەب، بۇنىڭ مۇنازىرە قوزغاپ، خىتاينىڭ بايانىغا گۇمان پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغان. باياناتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ، خەلقئارا ئۇنىۋېرسال سۆز ئەركىنلىك ھوقۇقىغا داۋاملىق خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

لېكىن جاڭ تيەنيوڭ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، نوقۇل مۇقۇملىقنى تەكىتلەيدىغان بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتى ئەمەلىيەتتە، مۇقۇمسىزلىق پەيدا قىلىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئەملىيەت ئىسپاتلىدى، ئۇلارنىڭ تايىنىۋاتقىنى زوراۋانلىق سىياسىتى. ئۇنىڭ سىياسىتىنىڭ تايانچىسى تېمۇ كۆپ مۇقىملىق خادىمى، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ۋە تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق تەدبىرى. ئۇنىڭ بارلىق تەدبىرى باستۇرۇشتىن ئىبارەت. باستۇرۇش ئارقىلىق سېنى قىمىرلىيالماس قىلىپ قويسا، ئۇ بۇنى مۇقىملىق، دەپ قارايدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە بىزگە مەلۇم، ئىنسانلارنىڭ پىكىر قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى بولىدۇ. سەن ئۇلارنىڭ نېگىزلىك مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، كىشىلەرنى زوراۋان كۈچىگە تايىنىپ تۇتۇپ تۇرىمەن دېسەڭ، ئادىل تەقسىمات، مۇھىت بۇلغىنىش قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەئەت مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمىسا مۇقىملىق بولمايدۇ. مۇقىملىق بولمىغانسىرى دائىرىلەر ئەندىشىگە چۈشۈپ، مۇقۇملىقنى كۈچەيتىدۇ. مۇقىملىق كۈچەيگەنسىرى قارشىلىق كۈچىيىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ بىرلىكنى قوغداش ئۈچۈن ئالغان تەدبىرى ئىلگىرىلەپ بۆلۈنۈشكە ئېلىپ بارىدۇ.