ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «سىياسىي جىنايەت» بىلەن قامالغان مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدىكى ئېچىنىشلىق ھاياتى تاشقى دۇنياغا ھېلىھەم ئاشكارا بولغىنى يوق.
خىتاي تۈرمىلىرىدىكى «سىياسىي مەھبۇس» لارنىڭ جازا مۇددىتىنى ئۆتەش جەريانىدا ئېغىر دەرىجىدە جىسمانىي ۋە روھىي قىيناقلارغا دۇچ كېلىشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى چەكمەكتە.
شىنجاڭ «راۋان» ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىر ئادۋوكاتى كۈرەش ھاشىم 6-ئاپرېل كۈنى «سۈكۈتتە تۇرۇش ھوقۇقى» ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان.
ئۇ ماقالىسىدە «سۈكۈتتە تۇرۇش ھوقۇقى» غا خەلقئارا قانۇنلاردىكى ئۇقۇملار بويىچە تەبىر بېرىپ، بۇ ھوقۇقنىڭ خىتاينىڭ ئەدلىيە تەرتىپىدە تېخى تۇرغۇزۇلمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
ھالبۇكى، ئۇ مەزكۇر ماقالىسىدە خىتايدىكى ساقچىلارنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنى «قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇشىغا قاتتىق چەكلىمە قويۇلدى. جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى قوغداش خېلى چوڭ تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى» دەپ جاكارلىغان.
ئۇنداقتا، ئادۋوكات كۈرەش ھاشىم ئېيتقاندەك، خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمىلەردە «سىياسىي جىنايەت» بىلەن قامالغانلارغا بېرىلىدىغان تەن جازاسىغا چەكلىمە قويۇلدىمۇ؟
بۇ سوئالغا 2010-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە ئۈرۈمچى كازىۋەندىكى 2-تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتىگەن، يېقىندا مىڭ بىر جاپالار بىلەن مەلۇم دۆلەتكە كەلگەن، ئەمما نام-شەرىپىنى ۋاقتىنچە ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر سابىق مەھبۇسنىڭ بايانلىرى جاۋاب بەرسە كېرەك.
ئۇ بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى 2-تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن 4 يىللىق ھاياتى جەريانىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرى، بولۇپمۇ ئاتالمىش «سىياسىي جىنايەت» بىلەن قامالغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۈرمە ھاياتى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.