ئۇيغۇر ئىلى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىي خىتايدىكى ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە ھاشار ئەمگىكى ھازىرغا قەدەر مەۋجۇت بىردىن - بىر رايون.
يەكەنلىك دېھقانلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ياركەنت ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزىلاردا دېھقانلار ھەر يىلى ھاشار مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى شەرت. بىراق مەزكۇر ناھىيەدە ھەر قايسى يېزىلارنىڭ يىللىق ھاشار مۆھلىتى شۇ يېزىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى نەچچە يىل ئاۋۋال ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلىشقۇ يېزىسىدا ئەركەكلەر 40 كۈن، ئاياللار 30 كۈن يىلدا ھاشارغا ئىشلەيدۇ.
ئېلىشقۇ يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ بىر ئامانلىق خادىمى، ئاپتونوم رايون ھاشارنى بىكار قىلىۋەتكەن بىلەن ئۇ بىزنىڭ بۇ يەردە ئاقمايدۇ، دېدى.
ساقچى خادىمى:1 ھاشارما؟ ھازىر ھاشار يوق، ھاشار ئەتىياز ۋاقتىدا كېلىدۇ. ئايدا بىرەر-ئىككى قېتىم، يىلدا 10-20 قېتىم ھاشارغا بارارمىكى. ھاشارغا چىقمىغانلارنىڭ جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقى، تەلىم-تەربىيەگە بارىدىغانلىقى راست.
ساقچى خادىمى: 2 ھاشارغا چىقالمىسا 100 كوي، 200 كوي تۆلەيدۇ.
مۇخبىر: بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇيرۇق چىقىرىپ، ھاشارنى بىكار قىلىۋەتكەنتىغۇ، دېھقانلارنى ھاشارغا تۇتساڭلار بولمايدۇ، دەپ؟
ساقچى خادىمى: 2 بىكار قىلىۋەتكەن بىلەن بۇ يەردە ئىشلىمەيدۇ. لېكىن بۇ بىز سۆزلىشىۋاتقان ساقچى پونكىتىنىڭ نومۇرى، گەپ سۆزىڭىز بولسا پونكىت باشلىقىمىزغا تېلېفون قىلىپ، ئۇ ئەھۋالنى ئىگىلىسىڭىز بولىدۇ. بىز بۇ توغرۇلۇق ئارتۇق گەپ قىلالمايمىز. قانداق گېپىڭىز بولسا باشلىقلارغا تېلېفون قىلىپ سوراڭ. بىز گەپ قىلىپ بېرەلمەيمىز.
بىز سوئالىمىزغا جاۋاب ئىزدەپ ئىلىشقۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت باشلىقىغا، يېزىلىق ساقچى پونكىتى باشلىقى ئەكرەمگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز مەزكۇر يېزىدىكى دېھقانلارغا تېلېفون قىلىپ، ھاشار مەسىلىسىنى سورىدۇق.
مەزكۇر يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر دېھقان، ھاشارغا چىقمىغانلارنىڭ جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقىنى، مەجلىسكە بىر كۈن قاتناشمىغان دېھقانلارنىڭ 15 كۈن سىياسىي تەلىم تەربىيە كۇرسىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دېھقان: ھاشار بولمامدىغان، بىزدە ھاشار جىق. ئەر كىشىگە 40 كۈن، ئاياللارغا 30 كۈن ھاشار بار يىلدا. مەجبۇرى قىلىدۇ، قىلمىسا جەرىمانە تۆلەيدۇ. خوتۇن كىشىگە كەلسە، خوتۇن كىشى چىقىدۇ. ئەر كىشىگە كەلسە ئەر كىشى چىقىدۇ. چىقمىغانلار جەرىمانە تۆلەيدۇ. ھەپتە 3 مەجلىس بار، چىقمىساق جەرىمانە تۆلەيمىز. مەجلىسكە بىر كۈن چىقمىسا، 15 كۈن تەربىيىلەش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىدۇ. كۈچلۈكىگە 15 كوي تۆلەپ شۇ يەردە ياتىدىغان گەپ.
مۇخبىر: لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت نەچچە يىل ئاۋۋاللا ھاشارنى بىكار قىلدۇق، دەپ ئېلان قىلغانتىغۇ؟
دېھقان: بۇ مۇشۇ يەردىكى كادىرلارنىڭ مەسىلىسى. ئوقۇمىغان كادىرلارچۇ ئۇلار، تۇيۇقسىزلا كادىر بولۇپ قالغان. دېھقاننى بوزەك ئېتىدىغان. ئۆزى ھاشارغا بارمايدىغان، يەرنى جىق تېرىيدىغان، بىراق سۇ پۇلى بەرمەيدىغان. ئاشۇنداق كادىرلارنىڭ ئىشى ئۇ. بوممىسا يۇقىرىدا سىياسەت ياخشى. ماۋۇ تۆۋەنگە كەلگەندە يىتىپ كېتىدۇ ئۇ.
مۇخبىر: ئەگەر راست يۇقىرىدا سىياسەت ياخشى بولسا، بۇ قېتىم ھېلىقى جاڭ چۈنشيەن كەلگەندە سىلەرنىڭ يېزىغا مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولمامدۇ؟ دېھقانلار بىرلىشىپ، نېمىشقا ئوتتۇرىغا قويمىدىڭلار؟
دېھقان: ھوي، ئۇنىڭ قېشىغا يېقىن بارغىلى بولامدۇ، دەيسىز. باشلىقنىڭ قېشىغا كىم يېقىن بارالايدۇ! باشلىققا پىكىر قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس بىزنىڭ. كادىرلار گەپ قىلالامتى.
ھاشار بىر خىل مۇستەملىكىچىلىك ۋە فېئودال ئېكسپىلاتاتسىيەلىك تۈزۈم، دەپ قارىلىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. د ئۇ ق باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي، ھاشارنىڭ بىر خىل ئېكسپىلاتاتسىيەلا ئەمەس، ئۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى كونترول قىلىشنىڭ بىر خىل قورالغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرمەمەت مۇساباي: بۇ، خىتاي ئۇيغۇرلاغىلا ئىشلىتىۋاتقان زۇلۇم. ئۇنىڭ نىشانى ئۇيغۇرلارنى تۇرۇپ تۇرۇش، ئۇلارغا ۋاقىت بەرمەسلىك. دېمەك، خىتاي ھاشارنى ئۇيغۇرلارنى تۇرۇپ تۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنىڭ بىر سىياسىتى قىلىۋالغان گەپ. ھاشار خىتايدىكى تېررىتورىيەسىدىكى باشقا خەلقلەرنىڭ ھېچبىرىدە ھاشار يوق، پەقەت بىزنىڭ ئۇيغۇرغىلا بار. بۇ خىتاي ئۇلارغا ئويلىنىش، ئىقتىسادى كۈچلىنىش، باشقا نەرسە ئويلاش پۇرسىتى بەرمەي، ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنىڭ سىياسىتى قىلىۋالغان بۇنى. ئۇلارنى ھەقسىز ئىشلىتىش بۇ خىتاي ئاساسى قانۇنىغىمۇ خىلاپ. خەقنى ھەقسىز ئىشلىتىش، ئىشلىمىگەنلەرنى جازالاش خىتاي قانۇنىدىمۇ يوق نەرسە.
نۇرمەمەت مۇساباي يەنە، بۇ خىل رادىكال تەدبىرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقنى قوزغاپ، مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ھاشار بىزنىڭ جەنۇبتىكى دېھقانلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى ژىلىك-ژىلىكىدىن قۇرۇتۇۋەتكەندىن سىرت، ئۇلارنى روھىي جەھەتتىنمۇ ئېزىۋەتكەن بىر ئىش. ئۇ خەلقىمىزنى ئېزىپ، باشقا نەرسىلەرنى ئويلىشىغىمۇ پۇرسەت بەرمەيدۇ. دائىرىلەر ھاشار ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادى ۋە روھىي جەھەتلەردىن روناق تېپىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدىكى بۇ خىل قاتتىق قول بېسىم مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. خىتاي كۈچى ۋە نوپۇسىغا تايىنىپ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دېسىمۇ، بىراق ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ يەردىكى 20 مىليون خەلق ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە كېلەچىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، قارشىلىق بۇندىن كېيىن كۆپىيىشى مۇمكىن، لېكىن ئازايمايدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشارنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش يولىدىكى ئىجابىي قەدەم، دەپ قارالغانىدى.
لېكىن نۇرمەمەت مۇساباينىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھوقۇقنى ناھىيەلىك پارتكوملارغا چۈشۈرۈپ بەرگەچكە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت گېپىنى ناھىيەلىك پارتكوملارغا ئاقتۇرالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالغان.
ھاشار مەسىلىسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.