دوكتور. بۇرتون: خىتاي كومپارتىيىسى يوقالسىمۇ خىتاينىڭ ئۆزلۈكىدىن دېموكراتىيىگە كىرىشى قىيىن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2013.03.08
kanada-sabiq-elchisi-charliz-burton-305.png كانادا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىياسىي قانۇن پروفېسسورى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق كانادا ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق ئەلچىسى دوكتور چارلىس ئورتۇن. 2012-يىلى ئاۋغۇست.
Photo: RFA

غەرب كۆزەتكۈچىلىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يىقىلغان تەقدىردىمۇ، خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە كىرىشىدىن ئۈمىد يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

كانادالىق خىتاي مۇتەخەسسىسى ۋە كانادا تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى دوكتور چارلېز بۇرتون خىتاينىڭ يېڭى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتاينى ئىدېئولوگىيە جەھەتتە ئارقىغا چېكىندۈرىدىغانلىقىنى، ۋە بۇنىڭ كۆزى ئېچىلىۋاتقان خىتاي خەلقى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئوتتۇرىدىكى ھاڭنى زورايتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەمما ئۇ، خىتاي خەلقىنىڭ كوممۇنىست پارتىيىسىدىن يىراقلىشىشى، دېموكراتىيىگە يېقىنلىشىشىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ يېڭى پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يانۋاردا خىتاي خەلقىنى ماركسىزم، لېنىنىزم يولىدا مېڭىشقا چاقىرغان بولۇپ، «سابىق سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇ يولدا ماڭالمىغانلىقى ئۈچۈن گۇمران بولغان» دېگەن ئىدى.

كانادالىق خىتاي مۇتەخەسسىسى دوكتور بۇرتون بۇ توغرىسىدا كانادانىڭ «يەر شارى مەكتۇپلىرى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ «خەلقئارا دۇنيادا توپا باسقان ئارخىپقا ئايلانغان ستالىنىزمنى، كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان» لىقى، شى جىنپىڭنىڭ بۇرۇنقى خىتاي رەھبەرلىرىگە ئوخشاش بىر - بىرىدىن پەرقسىز ئالمىشىشلارنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى «بۇرۇنقىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ تەسىر كۈچى يوق، تېخىمۇ ئاجىز» بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ ئارخىپقا ئايلانغان ستالىنىزمنى كۆتۈرۈپ چىقىشى، يېڭى زامان خىتاي تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنى زورايتىپ، ئاخىر خىتاي پارتىيىسىنى يالغۇزلۇققا، گۇمرانلىققا يېتەكلەيدۇ.»

ئۇ يەنە ماقالىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «چۈنكى شى جىنپىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك يولىغا مېڭىشقا تېخىمۇ ئامالسىز. ئۇنداق قىلسا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ پۈتۈن ئەپتى بەشىرىسى جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن جىنايەتلىرى پاش بولىدۇ ۋە خەلقئارا سوت ئالدىدا جاۋاب بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ.»

ئەگەر دوكتور بۇرتون ئېيتقاندەك خىتايدا، كۆزى ئېچىلغان خىتاي پۇقرالىرى كۆپەيگەن ۋە ئۇلار بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان بولسا، بۇ راستىنىلا خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىگە بولغان سادىقلىقنىڭ يوقاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟

دوكتور بۇرتون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خىتاي خەلقىنىڭ ئەركىن قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىسلاھاتلارنى قىلىشقا قادىر بولالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، خەلقىنىڭ ئىشەنچىدىن بارغانسېرى ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ. ھەتتا پارتىيە ئىچىدىكى خىتايلارمۇ نۇرغۇن ئەھۋاللاردا كوممۇنىست پارتىيە بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشقا ئىگە بولالمايۋاتىدۇ.

ئەمما، يېقىندىن بېرى خىتاي مىللەتچىلىكى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۈچەيگەن بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 6 - كۈنىدىكى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئارمىيىسىنى كۈچەيتىشكە مەبلەغ سېلىشىغا بولغان قوللاش 80% گە يەتكەن ۋە بۇ يىل 10.7% ئاشقان.

ھەتتا «سېلىنغان مەبلەغ ئاز بولۇپ قالدى. ئارمىيىگە تېخىمۇ كوپ مەبلەغ سېلىش كېرەك» دېگۈچىلەر 28.7% بولغان.

گەرچە بۇ، خىتاينىڭ ئارال مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان توقۇنۇشلار يۈزىدىن، دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەر خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىيىنى «غەرب مەھسۇلاتى» دەپ قاراپ ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك مۇئامىلىسى تۇتۇشىغا ئىلھام بولغانلىقىنى، ئارمىيىگە مەبلەغ سېلىشنى بۇنچە كۆپ خىتاي پۇقراسى قوللىشى، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇنداقتا خىتاي كومپارتىيىسى يىمىرىلگەن تەقدىردە، خىتاي قانداق بىر كۈچنىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىشى مۇمكىن؟ ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن دېموكراتىيىگە كۆچۈش مۇمكىنچىلىكى قانچىلىك؟

دوكتور بۇرتون بۇ جەھەتتە ئىنتايىن ئۈمىدسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئەگەر خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزلۈكىدىن ۋەيران بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان پولشا ياكى چېخىيەدىكىگە ئوخشاش بىرلەشكەن بىر دېموكراتىك سىستېما يوق. ھوقۇقنى ئارمىيە ئىگىلەپ خىتاي مىللىتىدىن باشقا مىللەتلەرگە تېخىمۇ دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان، خەلقئارا قانۇن تۈزۈملەرنى تېخىمۇ كۆپ كۆزگە ئىلمايدىغان فاشىست بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى مۇمكىن.

دوكتور بۇرتون بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: چۈنكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى گۇمران بولسا، چىڭ سۇلالىسى يىقىلغاندا ئورنىغا چىقىشقا تەييار تۇرغان ئەينى ۋاقىتتىكى گومىنداڭدەك خىتايدىكى ھوقۇقنى ئالدىغان بىر كۈچ يوق. خىتاي دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۈچى ئىنتايىن ئاجىز ۋە بۆلۈنمە ھالەتتە. ئەگەر خىتاي خەلقى خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان ئىشەنچىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، كوممۇنىست پارتىيە ئۆرۈلگەن ھالەتتە، كوچىغا چىققان خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خىتايدىكى ھەربىي كۈچ ئوتتۇرىغا چىقىپ، چىرىكلىكنى باستۇرۇشقا ۋەدە قىلىپ، خۇددى ئارگېنتىنا ياكى پېرۇدىكىدەك ھوقۇقنى ئىگىلىۋېلىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن.

دوكتور بۇرتون خىتاينى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ كېلىۋاتقان كانادا تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى.

ئۇ، بۇ قېتىمقى ماقالىسىدە يەنە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن ئىبارەت مۇشۇنداق ئەتىسىنىڭ قانداق بولۇشىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئىشەنچسىز بىر دۆلەتكە ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ كاناداغا كىرىپ مەبلەغ سېلىشىغا يول قويغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.