19 نەپەر ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئېغىر جازا نارازىلىق پەيدا قىلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى 19 نەپەر ئۇيغۇرنى «تور بەتلەردە مىللىي ئۆچمەنلىكنى تەرغىب قىلىپ قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەشۋىق قىلىش، قانۇنسىز تور بەتلەرنى كۆرۈش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، تۈرلۈك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي سوت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر قارارىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئاز قالغان مەزگىلگە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىدى.

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى بۈگۈن مەخسۇس بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئالدىدا قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دېدى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولسا سوت ھۆكۈمىنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر مەخسۇت نامات، ياسىنجان مەمەت، ئەدھەم خال قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى «مىللىي ئۆچمەنلىكنى تەرغىب قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 5 يىللىق ۋە 6 يىللىق قاماق جازاسىغا، ئالىم مەمەت، ئېلى توختىنىياز، پەتتار لېتىپ، ساتتار لېتىپ ۋە نالىخان ئابدۇراخمانلارنى تېررور تەشكىلاتىغا قاتنىشىش دېگەن جىنايەت بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 8 يىللىق، 11 ۋە 13 يىللىق قاماق جازاسىغا، مەمتىمىن تۇرسۇن قاتارلىق 7 كىشىنى بولسا «قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئەمەل قىلمىغان» دېگەن جىنايەت بىلەن 2 - يىلدىن 5 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆز خەۋەرلىرىدە بۇ كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز ئىنتېرنېت تورلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى، قانۇنسىز ماتېرىياللار ۋە تور كىتابلىرىنى چۈشۈرگەنلىكى، ئۇلارنى ساقلىغانلىقى ۋە كۆچۈرۈپ تارقاتقانلىقىنى ئۇلارنىڭ جىنايەت ئىسپاتى قىلىپ كۆرسەتكەن.

ئۇلار يەنە يۇقىرىدىكى بۇ كىشىلەرنىڭ يۇقىرىدىكى ۋاسىتىلەر ئارقىلىقز«ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىكنى ۋە غازات قىلىشنى تەرغىب قىلغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يۇقىرىدىكى سوت قارارىغا قارىتا ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي سوتلىرىنى قانۇنسىزلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇلار، خىتاي سوتلىرىنىڭ خەلقئارالىق سوت تەرتىپ ئۆلچەملىرىگە توشمايدىغانلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ قانۇنىي تەرتىپلەر ۋە قانۇنىي پاكىتلار بىلەن جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقىغا دائىر بىر پاكىتنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سوت ھۆكۈمىنى مەقسەتلىك ھالدا «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ خاتىرە مەزگىلىگە توغرىلاش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئىنتېرنېتكە قاراتقان كونتروللۇقنى قاتتىق كۈچەيتمەكتە ۋە بۇنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلماقتا.

دائىرىلەر بۇ يىل 3 - ئايدا 20 نەپەر ئۇيغۇرنى يۇقىرىدىكى 19 ئۇيغۇرغا ئوخشاش «ئىنتېرنېت ۋە باشقا ئۇچۇر - ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ بۆلگۈنچىلىك قىلىش» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان. ئۇلار يەنە يېقىندا «باغداش» تورىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 3 ئاي تاقاپ رەتكە سېلىش جازاسى بەرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى تەرىپىدىن 12 - ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى ئەسەبىي كۈچلەرنى كونترول قىلىش دوكلاتى» دىمۇ ئىنتېرنېت ۋە قول تېلېفونلىرىنى كونترول قىلىش مەسىلىسى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا يەنە، يېڭى پەن - تېخنىكا ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق بەرپا قىلىشتا رىقابەت شەكىللەندۈرۈۋاتقان ئامىللار قاتارىدا كۆرسىتىلگەن ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ئىنتېرنېت يانفون ئۇچۇرلىرىغا ئوخشاش يېڭى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېزىز ئەيسا ئەپەندى ئىنتېرنېتتە مەشغۇلات قىلغان ۋە ھېچقانداق بىر ئورگان ياكى شەخسكە بىر زىيان سالمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېزىز ئەيسا بۇ قارارنى خىتاي دائىرىلىرى «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ خاتىرە مەزگىلىدە چىقارغان سىياسىي قارار، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرى ۋە شەخسلەرگە قاراتقان ئەيىبنامىلىرىدە داۋاملىق ھالدا تور بەت ياكى تور بەت قوللانغۇچىلىرىنىڭ«مىللىي ئۆچمەنلىكىنى تەرغىب قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەزمۇنلارنى تارقاتقان» دېگەن جىنايەتنى ئارتماقتا.

يۇقىرىدىكى 19 ئۇيغۇر ئۈستىدىن چىقارغان سوت ھۆكۈملىرىدىمۇ ئوخشاش جىنايەت تىلغا ئېلىنغان. ئەمما، كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتايدىكى ھەرقايسى تور بەتلەردە ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىدىغان مەزمۇنلارنىڭ داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقى، بولۇپمۇ «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتايدىكى ھەرقايسى تور بەتلەردە ۋە ھەتتا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ئورگىنى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تور بەتلىرىدە ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارغا ھاقارەت قىلىدىغان مۇنازىرىلەر قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ مەزمۇنلارنى تاقايدىغان ياكى ئىنكاس يازغانلارنى سۈرۈشتۈرۈپ قىلىپ جازالايدىغان بىر ئورگان چىقمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سۆزىدە مانا بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىپ، بۇ نۆۋەتلىك سوتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر پاكىتى، دەپ كۆرسەتتى.