خوتەن خانئېرىقتىكى ۋەقەدە 300-400 كىشىلىك نامايىشچى ئوققا تۇتۇلغان

0:00 / 0:00

جۈمە كۈنى خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيەسى خوتەندە بىر زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ دەرھال بېسىقتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە قىسقا خەۋەر بەرگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ شۇ كۈنكى ئېنىقلىشىدا بەزى ئاھالىلەر خوتەن خانئېرىقتا مەسچىتتىن قايتقان ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن خوتەن شەھىرىگە توپلىشىپ ماڭغان موتسىكلىتلىق كىشىلەرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ خوتەندىكى دائىرىلىرى جۈمە كۈنى كەچتە خانئېرىق يېزىلىق پارتكومدا يىغىن ئېچىپ كەنت پارتكوم سېكرېتارلىرىغا شۇ كۈنكى ۋەقە ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن ۋە ۋەقەنىڭ سىنئالغۇغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشىنى قويۇپ بەرگەن. 27-ئىيۇن، مۇخبىرىمىز ئەنە شۇ يىغىنغا قاتناشقان بىر كەنت پارتكوم سېكرېتارىنى زىيارەت قىلدى. سېكرېتارنىڭ بايانلىرىدىن ۋەقەنىڭ ئەسلىدە 300 ۋە 400 ئارىسىدا كىشى قاتناشقان بىر نارازىلىق نامايىشى ئىكەنلىكى، نامايىشچىلارنىڭ خوتەن شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققاندا ئوققا تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى. سېكرېتار يەنە شۇ كۈنى خوتەن شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق مەيدانىدا خىتاي كۆچمەنلىرىگە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىمۇ پاش قىلدى.

مۇخبىر: سىز بۇ 13-كەنتنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ئابدۇللا مەتقۇربانمۇ؟
سېكرېتار: ھە، مەن شۇ.

مۇخبىر: تۈنۈگۈن خانئېرىق يېزىلىق پارتكومدا ئېچىلغان يىغىنغا قاتناشتىڭىزمۇ؟
سېكرېتار: قاتناشتىم.

مۇخبىر: يىغىندا كۆرسىتىلگەن ۋىدىئودىن نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟
سېكرېتار: خۇددى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىكىدەكلا ئىش بوپتۇ، ماي يولدا لىققىدە ئادەم....

مۇخبىر: يەنى كىشىلەر كوچىنى لىق تولدۇرغان دەمسىز؟
سېكرېتار: شۇنداق. دەسلەپتە 12 ساقچى بارغانىكەن، ساقچىلار توسۇپ بولالماي، ناھىيەگە خەۋەر قىپتۇ، ناھىيىدىن كەلگەنلەر چىقىپ توسقاندا خۇدۈكى بارلار موتسىكلىتلارغا مىنىپ قېچىپتۇ، جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ يەنە باشقا يەردە ۋەقە چىقىرىپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئوق چىقىرىڭلار دەپ بۇيرۇق كەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئوق چىقىرىپتۇ، ھەممە خەق تەرەپ-تەرەپكە قېچىپتۇ، بىر ئاز زىيان-زەخمەت كېلىپ چىقىپتۇ.

مۇخبىر: ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلۈپ، قانچە كىشى يارىلىنىپتۇ؟
سېكرېتار: يىغىندا بىزگە ئۇقتۇرۇلغىنى «مۇشۇنداق ۋەقە يۈز بەردى، جەڭ دېگەندە ئادەم ئۆلۈش دېگەن بولىدۇ، ھازىرچە ئۆلگەن-يارىلانغانلارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس، قانۇن ئورگانلىرى پات ئارىدا مەلۇمات بېرىدۇ، شۇ چاغدا ئۇقتۇرىمىز » دېدى.

مۇخبىر: بۇ گەپنى قىلغان يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارىمۇ؟
سېكرېتار: ياق، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ۋەلىيوف.

مۇخبىر: جەڭ دېگەندە ئادەم ئۆلىدۇ دېيىلگىنىگە قارىغاندا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇشمۇ بولغان ئوخشىمامدۇ؟
سېكرېتار: شۇنداق، كۆرۈنۈشلەردىن قارىغاندا ئۇلارمۇ بەك چېكىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ.

مۇخبىر: نامايىشچىلارنىڭ قولىدا نېمە باركەن؟
سېكرېتار: شۇ تاياق-توقماق.

مۇخبىر: ساقچىلاردىن يارىلانغانلار بارمىكىن؟
سېكرېتار: بىزگە ساقچىنىڭ ئوق چىقارغان ياكى ئۇلارنىڭ تاياق يېگەن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسەتمىدى. پەقەت توپلىشىپ ماڭغان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىپ، تەۋەلىكىڭلاردىكى ئادەملەرنى تونۇپ بېرىڭلار دېدى.

مۇخبىر: كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا نامايىشتا قانچىلىك كىشى باردەك؟
سېكرېتار: 300-400 چە بار، كىچىكى 12 ياش چوڭى 30-35 ياش، ھەممىسى ياش بالىلار.

مۇخبىر: بايا «ئۇلارمۇ چېكىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ» دېدىڭىز؟ چېكىدىن ئاشقانلار كىم؟ ساقچىلارمۇ؟ نامايىشچىلارمۇ؟
سېكرېتار: نامايىشچىلار. ساقچىلارنىڭ توسقىنىغا ئۇنىماپتۇ.

مۇخبىر: ساقچىلارنىڭ پوزىتسىيەسىدە بىر قوپاللىق ياكى ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللانغانلىق ئەھۋاللارنى بايقىمىدىڭىزمۇ، ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟
سېكرېتار: ياق.

مۇخبىر: نامايىشچىلارنىڭ مەقسىتى نېمىكەن، نېمىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكچىكەن؟
سېكرېتار: ئۇنى تېخى بىلمىدۇق، نامايىشچىلار «ئاللاھۇئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ مېڭىپتۇ.

مۇخبىر: بالامس مەسچىت بىلەن خوتەن شەھەر ئىچىنىڭ ئارىلىقى قانچىلىك بار؟
سېكرېتار 7 كىلومېتىر.

مۇخبىر: نامايىشچىلار قەيەرگىرەك كەلگەندە ئوققا تۇتۇلۇپتۇ؟
سېكرېتار: ئۇنى بىلمىدۇق. ئەمما نامايىشچىلار تەرەپ-تەرەپكە قېچىپتىكەن، لاسكوي تەرەپكە ۋە قۇملۇققا قاچقانلىرى جىقراق زىيانغا ئۇچراپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق.

مۇخبىر: موتسىكلىتلىق كىشىلەرگە ئوق ئېتىلدى دېگەن گەپ بار؟ ئۇلار كىملەر؟
سېكرېتار: ئۇلار ساقچىلار ئوق چىقارغاندىن كېيىن بەزىلىرى ماشىنا، بەزىلىرى موتسىكلىت بىلەن قاچقان.

مۇخبىر: ئۇنداق نامايىشچىلارنىڭ ئىچىدە موتسېكىلىتلىقلارمۇ بار دېگەن گەپ؟
سېكرېتار: شۇنداق، كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا يولنىڭ ئوتتۇرىدا پىيادىلەر، ئىككى ياندا موتسىكلىتلىقلار ماڭغان، ساقچىلارنى بۆسۈپ تەكبىر ئېيتىشىپ ماڭغان. ساقچى ئوق چىقارغاندىن قۇملۇققا قاچقانلىرى موتسىكلىتنىمۇ تاشلىۋەتكەن، قۇملۇقتا ھەيدىيەلمىگەندىن كېيىن.

مۇخبىر: ئۇلار قۇملۇققا نېمە دەپ قاچىدۇ؟
سېكرېتار: جان ساقلاش ئۈچۈن.

مۇخبىر: پەرىزىڭىزچە، نامايىشنىڭ كېلىپ چىقىشى سەۋەبى نېمىدۇر؟
سېكرېتار: ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىكى ۋەقەدەك قىلىدۇ. راست، ئوخشاش ۋاقىتتا گۇاڭچاڭدىمۇ ۋەقە يۈز بەردى، ئىككىسى بىر-بىرىگە چېتىشلىقمىكىن دەيمەن؟

مۇخبىر: ئىتتىپاق مەيدانى دېگەن يەردىمۇ؟
سېكرېتار: ھە شۇ يەردە، ئۇ خوتەن شەھەر ئىچىدىكى مەيدان.

مۇخبىر: ئۇ نېمە ۋەقەكەن؟
سېكرېتار : ئۈچ-تۆت خەنزۇ يولداشنى بوغۇزلىۋېتىپتۇ.