«يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى ھايات: ئەتىگەندە شىفەن، چۈشتە مىفەن، 85 كىشى بىر ياتاقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.11.27
terbiyelesh-merkizi-toqquzaq.jpg توققۇزاقتىكى تەربىيىلەش مەركىزىگە ئۆزگەرتىلگەن بۇرۇنقى مەكتەپ. 2017-يىلى ياز.
RFA/Abduweli Ayup

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇلتۇردىن باشلاپ قۇرۇلغان، بۇ يىل كېڭەيتىلگەن، «كۇرسانت» لىرىنىڭ قاچان ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلىقى تېخىچە مەلۇم بولمىغان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ شارائىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ناچارلىقى ئاشكارىلانماقتا. بەزى تۇتقۇن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، بىر قىسىم جايلاردا 80-90 كىشى بىر ياتاقتا، يەنە بەزى جايلاردا بۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشى بىر ئورۇندا يېتىپ قوپۇشقا مەجبۇر بولغان. ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن بۇ تۇتقۇنلارغا بەزى جايلاردا شىفەن قاتارلىق خىتايچە تائاملار بېرىلمەكتىكەن.

ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان سانلىق ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەزى جايلىرىدا ئاھالىلەر نوپۇسىنىڭ 10 پىرسەنتى مەزكۇر مەركەزلەرگە سولىۋېلىنغان. سولىۋېلىنىشقا 10 يىل بۇرۇن ئاڭلاپ قالغان تەبلىغ، نامەلۇم كىشىلەرگە خاتا باغلىنىپ قالغان بىر تېلېفون قاتارلىق ئاتالمىش «خاتالىقلار» سەۋەب بولغان. بەزى كۆزەتكۈچىلىرنىڭ تەخمىن قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەخمىنەن نەچچە ئون مىڭ ياكى نەچچە يۈز مىڭ كىشى ئەنە شۇ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە كۇرسانتلار ھەر كۈنى ئەتىگەن قەسەميادنامە ئوقۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىتا ساداقەتمەنلىك پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ شارائىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ناچارلىقى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئاڭلىغۇچىمىز ئۈرۈمچىنىڭ مىدوڭچۈ رايونى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئاز دېگەندە 200 كىشىنىڭ بىر زالدا يېتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. قاراقاشنىڭ ئاقساراي يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى، ئۆزى كۆرگەن بىر «مەركەز» دە 85 كىشىنىڭ بىر سىنىپتا يېتىپ-قوپۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. نۆۋەتتە ئاھالىلەر تۇتقۇندىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ نېمە يەپ، نېمە ئىچىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشىدە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېمەك-ئىچمەكتىكى يېتەرسىزلىك، ئېگىز-پەسلىك ۋە ناچارلىق سەۋەبىدىن بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەن. قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچىدىكى بىر ئاياللار مۇدىرى، ئۆزىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاكامنىڭ ئۈچەي يولىدىن چاتاق چىقىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى، شۇ سەۋەبتىن كۆرۈشۈپ ئەھۋاللاشتىم. دېيىشىچە، ئەتىگەندە ئۇلارغا شىفەن بېرىلىدىكەن، چۈشتە مىفەن يەيدىكەن، قانچە كىشى بىر ياتاقتا ياتىدىغانلىقىنى سورىماپتىمەن». بۇ مۇدىرنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ شارائىتىنىڭ ناچارلىقى ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىق ھەققىدە تۇتقۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان. يەنە قاراقاش ناھىيەسىدىكى بىر دۆلەت ئامانلىق خادىمنىڭ پاش قىلىشىچە، ياۋا يېزىسىدىن بىر تۇغقىنى ئۆلۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن 2 كۈنلۈك سىرتقا چىقىش رۇخسىتى بېرىلگەن بىر تۇتقۇن، ئۆزىنىڭ تۇتۇلغاندىن بېرى، يەنى 3 ئايدىن بېرى لەغمەن يەپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلغان.

غۇلجا ناھىيىلىك «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى بىر تۇتقۇننىڭ بايان قىلىشىچە، ياتاق ۋە تاماقنىڭ ناچارلىقى ئۇنى ئازاپلاۋاتقان شارائىتلارنىڭ ئەڭ يەڭگىلى ئىكەن. ئۇ ھەممىدىن بەك ئائىلىسىدە بېقىشسىز قالغان ئاتا-ئانىسى ۋە يار-يۆلەكسىز قالغان پەرزەنتلىرىنىڭ قانداق كۈن كەچۈرۈۋاتقانلىقىدىن ئەندىشىدە. ئەمما ياتاق ۋە تاماق شارائىتىدىكى ناچارلىقلار، بەزى تۇتقۇنلارنىڭ، بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ سەۋەبتىن، يېڭىسارنىڭ ساغان يېزىسىدا ئاز دېگەندە 4 كىشى يېقىنقى 3 ئايدا ئىچىدە «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دە جان ئۈزگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، نەچچە ئون مىڭ ياكى نەچچە يۈز مىڭ كىشى ئۇشتۇمتۇت يىغىۋېلىنغان بىر جايدا تۇرمۇش شارائىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ناچار بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئاشكارىلانغانلىرىنىڭ، ناچار شارائىتلار ئىچىدە ئەڭ يېنىكلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. يەنە بەزى ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچۇرلىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.