ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن دىليار ئوبۇل ۋە مۇھەممەتسىدىقلارنىڭ نامەلۇم تەقدىرى ھېلىھەم ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى ئەندىشىگە سالماقتا.
ئۆتكەن يىلى 20-ئاۋغۇستتا مۇستەقىل مائارىپچى ۋە تونۇلغان تور يازغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ قەشقەردىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندە، ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىدىن دىليار ئوبۇل بىلەن مۇھەممەتسىدىقلار ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان 5 ئاي ئۆتۈپمۇ ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قايسى تۈرمىگە قامالغانلىقى ھەمدە قاچان سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىدى.
رادىئومىز ئۆتكەن ھەپتە ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش جەريانىدا بىر قىسىم يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى گەرچە ئۇلارغا چاغان بايرىمىدىن كېيىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خەۋەر ھۆكۈمەت تەرەپتىن تېخىچە دەلىللەنمىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىشى سەۋەبلىك دىليار ئوبۇل بىلەن مۇھەممەتسىدىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ھازىرغىچە مەلۇمات ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.
2012-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىدا باشلىنىپ، 2013-يىلىنىڭ ياز كۈنلىرىدە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇش دولقۇنى ئۆتكەن يىلى 20-ئاۋغۇستتا ئۈچ نەپەر ئوت يۈرەك ياشنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن پەسكۇيغا چۈشكەن. ئۇيغۇر ئېلىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ ئانا تىل ئىنقىلابى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا «ئانا تىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن.
ھازىر مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر ياش يېقىندا، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە بەزى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئۈرۈمچىدە «ئانا تىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ قۇرۇلۇشى ھەمدە مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن دىليار ئوبۇل ۋە مۇھەممەتسىدىقلارنىڭ ئورتاق غايە يولىدا ئۇيۇشۇش جەريانى ھەققىدە بىلگەن-ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.