قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكلىرىدە مىللىي تارىخ ۋە مەدەنىيەتنىمۇ ئۆگىنىش مەقسەت قىلىنغان

0:00 / 0:00

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرنى ئوقۇش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىغا ئېلىنغان.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دەرسلىكلەرنىڭ بارلىقى ئانا تىلىدا نەشر قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكلىرىنى تەييارلاشتا ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل ئۆزگىچىلىكلىرىنى ئوقۇتۇشتىن تاشقىرى يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەدەبىياتىنى، مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ئۆگىتىشمۇ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنى جەلپ قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. ئۇلار دەرسلىكلەرنى كېرەكلىك ماتېرىياللار بىلەن تولۇقلاشقا چوڭ ئېتىبار بەرمەكتە.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتور نامزاتى، ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكلىرى ئاپتورلىرىنىڭ بىرى رۇسلان ئارزىيېف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.