ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆيدىكى «ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلىسى» دىكى ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

2013-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونى شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمدا يەسلىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ھەر خىل شېئىر ئوقۇش، ئۇسۇل ئويناش ۋە ئۆسمۈر ناخشىسى ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش دېگەنگە ئوخشاش نومۇر كۆرسەتتى.

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى ۋە يەسلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى كۈچۈكچەكمەجە سەفاكۆي رايونى شۆبە باشلىقى ئەنۋەر قارى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. مۇراسىمدا يەنە جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى تەلىم-تەربىيە ۋە مائارىپ ساھەسىدە ياراملىق قىلىپ يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

كېيىن ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلار گۇرۇپ-گۇرۇپ ھالدا، نۆۋەت بىلەن سەھنىگە چىقىپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بىلەن قۇرئان ئوقۇدى، ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە شېئىر ئوقۇدى، ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينىدى. 3 سائەت داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىغا مېدال ۋە ماددىي بويۇم تەقدىم قىلىندى.

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى، زەيتىنبۇرنۇ، ئاقساراي ۋە سەفاكۆي رايونلاردا ياشايدۇ، ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە ناھىيىسىنىڭ سەفاكۆي رايونى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن بىرى، بۇ رايوندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن 2007-يىلى ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلىسى» دە ھەر يىلى 4-6 ياش ئارىسىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن 50-60 ئەتراپىدا ئۆسمۈر بۇ تەلىم-تەربىيە ئالىدۇ. بۇ يەسلىدە 6 نەپەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى، قۇرئان ئوقۇش، ئەدەپ-ئەخلاق، ئادەتتىكى سانلارنى ساناش، ھېسابلاش ۋە شېئىر يادلاش دېگەنگە ئوخشاش تۈرلەر بويىچە دەرس ئۆتۈلىدىكەن.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.