تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مۇراسىم بىلەن دىپلوملىرىنى ئالدى.
بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلى كەسپىنىڭ 7-قارار ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، بۇلار 4 يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىنى سىستېمىلىق ھالدا ئۆگەنگەندىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى، سالارچە ۋە سېرىق ئۇيغۇرچە قاتارلىق دەرسلەرنىمۇ ئوقۇماقتا.
ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبېك تىلى يېقىن بولغاچقا ئىككى تىل بىر كافېدراغا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزبېك تىلىنىمۇ ئۆگەنمەكتە. مەزكۇر كافېدرا 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا تەسىس قىلىنغان.
1992-يىلىدىن بېرى بۇ كافېدراغا ھەر يىلى 20 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنماقتا. بۇلار تۈركولوگ ئۇنۋانلىرى بىلەن ئوقۇش پۈكتۈرمەكتە. بۇ كەسىپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولغاننىڭ سىرتىدا تەتقىقات مەركەزلىرىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.
تۈركىيەدىكى 10 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر تىلى كەسپى بولغاننىڭ سىرتىدا بەزى ئىنستىتۇتلاردىمۇ ئۇيغۇر تىلى كەسپى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر يېتىشتۈرۈلمەكتە. بىز ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
