خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقىنى تەكرار ئۆزگەرتىش كويىدىمۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-06-19
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
1960-يىلى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى خىتايچە پىنيىن ئاساسىدىكى يېڭى يېزىققا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان سىياسىي تەشۋىقات قوللانمىسى.
1960-يىلى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى خىتايچە پىنيىن ئاساسىدىكى يېڭى يېزىققا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان سىياسىي تەشۋىقات قوللانمىسى.
RFA/Qutlan

ئۇيغۇر يېزىق تارىخى ھەققىدىكى ماتېرىياللار، 20-ئەسىردىن بۇيان يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىشىنىڭ ئەڭ كۆپ تەكرارلانغان بىر دەۋرى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تىلشۇناسلار بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاپەت خاراكتېرلىك سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي، دىنىي، مەدەنىيەت باستۇرۇشلىرىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، نۆۋەتتە قايتىدىن «ئۇيغۇر كونا يېزىقىدىن يېڭى يېزىققا كۆچۈش» تەشەببۇسىغا تاراتقۇلىرىدا مەيدان ھازىرلاۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ خىلدىكى مۇلاھىزىلەردە ئۇيغۇر كونا يېزىقىنىڭ شەكىل جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرى كۈچەپ كۆرسىتىلىپ، لاتىن ئېلىپبەسىنىڭ قوش تىل مائارىپ ھەتتا رادىكاللىقنى تۈگىتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكلىرى كۈچەپ كۆرسىتىلدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ «ئۇيغۇرلار ئەرەب ئېلىپبەسىنى تاشلاپ لاتىنچىغا كۆچۈش» تەشەببۇسىنىڭ ئىلمىيلىقتىن يىراق، پەقەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش سىياسىتىگە ماسلىشىۋاتقان بىر چاقىرىق ئىكەنلىكىنى، يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇرلار ھەرخىل ئىجتىمائىي، تارىخىي، سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ھەر خىل سىستېمىدىكى يېزىقلارنى قوللانغان. 1980 يىللاردا ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئەسلىگە كېلىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش، مەتبۇئات، نەشرىيات، خەت-ئالاقە ۋە ھۆججەتلەردە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلماقتا. يېقىنقى يىللاردا كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ يېزىقنىڭ بۇرۇن ھەل قىلىنمىغان ئېلىپبە جەدۋىلىگە ۋە ئىملا قائىدىسىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى يېتەرسىزلىكلىرىمۇ ئاساسەن ھەل قىلىنىپ بولدى.

لېكىن، يېقىندا سىياسىي ئېھتىياج بىلەن كونا يېزىقنى تاشلاپ يېڭى يېزىققا قايتىش شامىلى قايتىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، 17-ئىيۇن كۈنى تىل، يېزىق ساھەسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق بولغان قادىر ھىمىت ئىسىملىك بىر خىتاي كومپارتىيىسى كادىرىنىڭ «ئۇيغۇر يېزىق ئىسلاھاتىغا پىكرى» ئېلان قىلىندى ۋە بۇ تېزدىن چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا تارقاپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەنقىدىي ئىنكاسىنى مەيدانغا كەلتۈردى.

تۇرپان شەھەرلىك پوچتا تېلېگراف ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسى ئەزاسى، ئىدارە مۇئاۋىن باشلىقى قادىر ھىمىتنىڭ بۇ تەشەببۇسى، ئۇيغۇر ئېلىدا سىياسىي ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن، ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچ خىل كۈچكە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلاش دولقۇنى ئەۋجىگە چىققان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى. قادىر ھىمىت ماقالىسىدە كونا ۋە يېڭى يېزىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر ھەققىدە توختىلىپ، كونا يېزىقنى ئىشلەتكەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان كومپيۇتېردا بۇ يېزىقنى قوللىنىشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلغانلىقىدىن شىكايەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ 26 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان لاتىن يېزىقتا 100% بىمالال مەشغۇلات قىلالايدىغانلىقىنى ئالدىنقى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، باشقا سەۋەبلىرى «كونا يېزىقنى تاشلاپ يېڭى يېزىققا كۆچۈش» تەشەببۇسىنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىيلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى يوشۇرالمىغان.

يەنى ئۇ ماقالىسىدە، لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچۈش قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، مىللەتلەر ئۆز-ئارا تىل ئۆگىنىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق دەپ كۆرسەتكەن.

ئەڭ مۇھىمى، «ئۇيغۇرلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كونا يېزىقىنى تاشلىغاندا، رادىكاللىقنى تۈگىتىشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ» دەپ يازغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي، دىنىي تەقىبلىرىدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق ئۆز ئانا تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشىمۇ بارغانچە تارايتىلىپ، مەمۇرىيەتتىن، مائارىپتىن ۋە باشقا ساھەلەردىن ئاستا-ئاستا سىقىپ چىقىرىلىپ، كىملىكىنى ساقلاش زور رىقابەتكە ئۇچراۋاتقان پەيتتە پۈتۈنلەي خىتاي سىياسىتىنى ھىمايە قىلىپ، ئىلمىيلىقتىن چەتنىگەن بۇ ماقالىگە، ئامېرىكىدىكى ماتىماتىكىچى دوكتور تاشپولات روزىنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىدا «ناھايىتى توغرا تەكلىپ،ئەرەب يېزىقىنى تاشلاپ، لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈشىمىز كېرەك» دەپ ئىنكاس قالدۇرۇشى فېسېبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك رەددىيەگە ئۇچرىماقتا.

تاشپولات روزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىشىنى تەشەببۇس قىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئۇنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىشقا تىرىشتۇق. ئەينى دەۋردە يېڭى يېزىقتا ساۋاتلىق بولغانلار قاتارىدىكى تاشپولات ئەپەندى گەرچە، خىتاينىڭ ئۈندىدار سەھىپىلىرىدە راھەت ھالدا ئىنكاس بىلدۈرگەن بولسىمۇ، رادىئومىزدا ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قېنى ئۇنداقتا، كەسىپ ئەھلىلىرى مۇتەخەسسىسلەر، «كونا يېزىقنى تاشلاپ يېڭى يېزىققا كۆچۈش» تەشەببۇسىغا نېمە دەيدۇ؟ ئاڭلاپ باقايلى.

يېزىقشۇناس دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ خىل تەشەببۇسقا كۈچلۈك رەددىيە بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى دەۋردە يېڭى يېزىق يولغا قويۇپ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخى، تىل-يېزىق تەرەققىياتىنى، مەدەنىيىتىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىقىىنى، ئەگەر بۇ تارىخ قايتىلانغاندا 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي تىل-ئەدەبىياتنى، تارىخىنى، ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان ئەمگەكلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشىمۇ تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر يېزىق تەرەققىياتى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمىلەر ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتى جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلھىمىت قاراخان ئەپەندى تۈركىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېزىق ئىسلاھاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سەلبىي تەسىرلىرى ھەققىدە پىكىرلىرىنى بايان قىلدى ۋە بۇ تەشەببۇس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقىنى قايتا ئۆزگەرتىش غەرىزىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گەرچە بەزى خىتايپەرەسلەرنىڭ ئىلمىيلىقتىن يىراق بۇ تەشەببۇسى، ئاكادېمىك ۋە قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولمىسىمۇ، ھېچبىر تالاش-تارتىش قىلغۇدەك زۆرۈرىيىتىمۇ يوق بىر تېما بولسىمۇ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونا يېزىقنى يوق قىلىشتىكى رەزىل پىلانلىرىغا قارشى تەييارلىقتا بولۇشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت