1-ئىيۇندا قازاقىستاننىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە خەلقئارا بالىلارنى قوغداش كۈنى خاتىرىلەپ ئۆتۈلدى. شۇ جۈملىدىن ئالماتا شەھىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت مەيدانىدىمۇ تۇنجى قېتىم 5000 ئوقۇغۇچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ سەنئەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ تەنتەنىلىك پاراتى ئۆتتى. بالىلار كۈنىگە بېغىشلانغان بۇ پائالىيەتلەرنىڭ مەقسىتى مەملىكەت پرېزىدېنتى ئىلگىرى سۈرگەن «مەڭگۈلۈك ئەل» ئىدىيىسى ئاستىدا مەكتەپ ۋە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى ئوقۇغۇچىلىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، بىرلىك تۇيغۇلىرىنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت بولدى. مەزكۇر بايرامغا بېغىشلانغان ھەر خىل پائالىيەتلەر شەھەرنىڭ دەم ئېلىش باغچىلىرىدا، مەيدانلىرىدا ئۆتكۈزۈلدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبىلېيىسىنىڭ دوستلۇق ئۆيىدە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى چوڭ تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۇيۇشتۇردى. «سەبىي دىللاردا شاتلىق ساداسى» دەپ ئاتالغان بۇ مۇراسىمنى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى يېرشات ئەسمەتوف تەبرىك سۆز بىلەن ئېچىپ، قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموفنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى ھەم بارلىق مېھمانلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققان رۇس، تۈرك ۋە باشقىمۇ مەدەنىيەت مەركەزلىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى قازاقىستاندىكى مىللەتلەر دوستلۇقى، دىنلار ئارا رازىمەنلىك، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى سەنەم بېشىروۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئۆز ئالدىغا شەھەردىكى مەجرۇھ بالىلارغا، بالىلار ئۆيلىرىدە تەربىيىلىنىۋاتقان يېتىم بالىلارغا، شۇنداقلا ھال-ئوقىتى ناچار ھەم كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىغا ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەم كۆرسىتىشكە ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى قويغان بولۇپ، بۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەرتەرەپلىمە قوللاپ-قۇۋۋەتلەنمەكتە. بۇ قېتىمقى مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈشكە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ناھىيىلىك شۆبىلىرى، «نۇرانىي ئانىلار»، «جانان» خەيرخاھلىق فوندلىرى، بولۇپمۇ قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى يېقىندىن ياردەم كۆرسەتتى. س. بېشىروۋا خەيرخاھلىق تەشكىلاتلاردىن تاشقىرى تىجارەتچىلەرنىڭ، ئايرىم ساخاۋەتلىك ئىنسانلارنىڭ دائىم مۇنداق ئىشلاردا ئۆزلىرىنىڭ ياردەم قولىنى سوزۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ شۇنداقلا بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپلىشىپ، سۈرىيە، ئىراق، ئافغانىستان ۋە باشقىمۇ ئۇرۇش بولۇۋاتقان مەملىكەتلەردە بىگۇناھ بالىلارنىڭ ئوق ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقىغا ئېچىنىپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا پرېزىدېنتىمىز ئەڭ ئالدى بىلەن تىنچلىقنى، دوستلۇقنى، بىرلىكنى مەقسەت قىلىپ قويغانلىقتىن بىزدە ئۇنداق ئىشلار يوق. قازاقىستاندا ھېچقاچان ئۇرۇش بولمىسۇن، بالىلىرىمىزنىڭ كۆزلىرىدە ياش بولمىسۇن، ئانىلار يىغلىمىسۇن. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق مىللەتلەر بىرلىشىپ، مۇشۇ دوستلۇقنى ساقلاشتا پرېزىدېنتىمىزنىڭ شۇ سىياسىتىنى قوللاپ-قۇۋەتلەۋاتىمىز. شۇ جۈملىدىن بىز، ئۇيغۇر ئانىلىرىمۇ، بالىلىرىمىزنى تەربىيىلەپ، بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشۇپ كېلىۋاتىمىز.»
س. بېشىروۋا شۇنداقلا پەرزەنتلىرىنى تاشلاپ، ئۇلارنىڭ بەختىگە پالتا چېپىۋاتقان ئاتىلارنى، بولۇپمۇ ئانىلارنى ئىنسانىيلىققا، مېھىر-شەپقەتكە چاقىرىپ، ھەر بىرىنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىگە جاۋابكارلىق بىلەن قاراشنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئاڭلىق ئەزالىرى بولۇپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى قەلبىنۇر روزىيېۋا مەزكۇر مۇراسىمغا ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قازاقىستان خەلقىنىڭ بىرلىكىنى، ئىتتىپاقلىقىنى كۆرسىتىدىغان كۆپلىگەن سەنئەت نومۇرلىرىنى نامايىش قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئوماق ۋە تالانتلىق بالىلىرىمىز سۈرەت سىزىپ، ئۆز ھۈنەرلىرىنى كۆرسەتسە، ئۇسسۇلچى يىگىت-قىزلىرىمىز سەھنىدە مۇسابىقىلەرگە چۈشۈپ، بايرام بەك قايناپ كېتىۋاتىدۇ. سۈرەت سىزىش مۇسابىقىسى ‹مېنىڭ قازاقىستانىم› دەپ ئاتىلىپ، بالىلار ئىچكى دۇنياسىنى شۇ سۈرەتلەردە كۆرسەتتى. ‹كېلىڭلار، ئۇسسۇل ئوينايلى› دېگەن پائالىيەتتىمۇ ئۇسسۇلچىلىرىمىز ھەممىسىنىڭ كۆڭلىنى ئالدى.»
ق. روزىيېۋانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ ئارىسىدىن، بولۇپمۇ ئالماتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تالانتى كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. ق. روزىيېۋا بۇ بايرامدىن چوڭ قاتتىق تەسىرلەنگەن بالىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇنىڭ باشقىمۇ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قەلبىدە ھەقىقەتەنمۇ شاتلىق ساداسىنىڭ ياڭرىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.