ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان: بارىن ھەرىكىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىقىغا ئاساسى سېلىندى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدا بارىن ۋەقەسىنىڭ 24-يىللىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بارىن ۋەقەسىنىڭ 1990-يىلىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرەشلىرىگە ئاساس سالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان مەلۇمات بېرىدۇ.

4-ئاپرېل جۈمە كۈنىدىكى بۇ پائالىيەتتە ئىنقىلابتا شېھىت بولغان ئوغلانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلدى ۋە دۇئا-تىلاۋەت قىلىندى.

يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىندا جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، 24 يىل بۇرۇن بارىندا مەيدانغا كەلگەن ھەرىكەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىقىغا ئاساس سېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە بارىن ھەرىكىتى باستۇرۇلغان بولسىمۇ بۇ ھەرىكەتتىن ئىلھام ئالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق ئۇچقۇنى چاقنىتىپ نۇرغۇنلىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان جەمئىيەت باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، بۇنىڭدىن 24 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بارىن قوراللىق ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش، بۇ ھەرىكەتتە شېھىت بولغان قېرىنداشلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىش ۋە ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىش ئۈچۈن جەم بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا، دىنى ئالىم ئىبراھىم قارىم بارىن ئىنقىلابىدا شېھىت بولغان قەھرىمانلار ۋە شاھادەتنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

يىغىندا يەنە بۇ ئىنقىلابنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى شۇنداقلا بۇ ئىنقىلابنىڭ ئەھمىيىتى ۋە غايە-مەقسەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

3 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ ئاخىرىدا بارىن ئىنقىلابىدا شېھىت بولغان قەھرىمانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىندى.

مەلۇمكى، 1990-يىلى 5-ئاپرېل كۈنى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا زەيدىن يۈسۈپنىڭ باشچىلىقىدا خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە بېسىملىرىغا قارشى قوراللىق ئىنقىلاب مەيدانغا كەلگەن ئىدى. بۇ ئىنقىلاب خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلدى ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.