قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنى بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 - ۋە 90 - يىللىرى ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسسىلەر يېتىلىپ چىققان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاز قىسمىلا ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلماقتا. شۇلارنىڭ بىرى باتۇر ئەرشىدىنوف سابىق«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى بولغان، 60 - يىللارنىڭ باشلىرىدا قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە خىزمەت قىلغان. ئۇ بۇ يىلى ئۆزىنىڭ 90 - باھارىنى قارشى ئالماقتا.
ب. ئەرشىدىنوف 1926 - يىلى ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيىسىگە قاراشلىق ياركەند شەھىرىدە دېھقان - قوغۇنچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى يەتتىسۇ تەۋەسىدە ئەۋج ئالغان سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ 30 - يىللاردىكى كوللېكتىپلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. دەسلەپتە غۇلجا شەھىرىدىكى «روشەن» مەكتىپىدە، ئاندىن بەيتۇللا مەدرىسىسىدە ئوقۇغان ب. ئەرشىدىنوف بىر توپ ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنى 1944 - يىلى پۈتتۈرۈپ، تىل - ئەدەبىيات مۇئەللىمى گۇۋھانامىسىنى ئېلىپ، غۇلجىغا قايتقان. ئۇ ئۆزى ئوقۇغان «روشەن» مەكتىپىدە مۇئەللىملىك قىلىۋاتقان پەيتتە، ئىلى تەۋەسىدە مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭى پارتلىدى. 1946 - يىلى ب. ئەرشىدىنوف ھەربىي خىزمەتكە چاقىرتىلىپ، باياندايدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېچىلغان ھەربىي مەكتەپتە بىلىم ئالىدۇ. مەزكۇر ھەربىي مەكتەپنى تاماملىغان ئۇ دەسلەپتە پودپورۇچىك، كېيىنىرەك پورۇچىك ئۇنىۋانىدا شۇ مەكتەپتە مۇئەللىملىك قىلدى.
1949 - يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ئورنىغاندىن باشلاپ مىللىي ئارمىيىە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5 - كورپۇسىغا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. ب. ئەرشىدىنوف 1950 - ۋە 1952 - يىللار ئارىلىقىدا شۇ كورپۇسنىڭ قەشقەردىكى 13 - دىۋىزىيىسىنىڭ قوماندانى مەمتىمىن ئىمىنوفنىڭ شتابىدا ئىش باشقۇرغۇچى - شەخسىي كاتىپ لاۋازىمىنى ئاتقۇرغان. ئاندىن كېيىن ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك پارتىيە مەكتىپىگە ئىككى يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۇنى 1954 - يىلى تاماملىدى، ئاندىن ئۆلكىلىك دېموكراتىك ياشلار كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى بولۇپ ئىشلىدى. ب. ئەرشىدىنوف 1958 - يىلى بېيجىڭغا ئالىي پارتىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، 1960 - يىلى ئۇنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك ياشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارلىقىغا بەلگىلەندى. شۇ يىللىرى پۈتكۈل ئەلدە ئەۋج ئالغان تەقىپلەش سىياسىتى نەتىجىسىدە ب. ئەرشىدىنوفمۇ قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ب. ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق باشلىنىشىدا، بولۇپمۇ ئالماتادىكى قىزلار ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ھەجەر ئىبرايېۋا، شۇ ۋاقىتتىكى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان ئەدەبىياتشۇناس ئالىم مۇسلىم بازاربايېف، شۇنداقلا قازاقىستان ياشلار كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى مۇھىم رول ئوينىغان.
ب. ئەرشىدىنوف مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئەدەبىياتلار ئارا باغلىنىشلار بۆلۈمىدە ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەپ، ئاندىن 1986 - يىلى شۇ ئاكادېمىيە تەركىبىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات ۋە سەنئەت بۆلۈمىدە خىزمەت قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ۋە يازما كلاسسىك ئەدەبىياتى شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 12 مۇقامى تېكىستلىرىنى رەتلەش ۋە جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇش يولىدا ئۈنۈملۈك ئەمگەك قىلدى.
ب. ئەرشىدىنوف ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ بىر پۈتۈن تۈركىيشۇناسلىق ئىلىمىدىكى ئورنىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئۆز ئالدىغا چوڭ بىر پەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى چوڭ پەن. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلىمىنىڭ بىر تارمىقى ۋە غۇرۇرى ئىدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق تۈركىيشۇناسلىقنىڭ ئانىسى.»
ب. ئەرشىدىنوف سېرگېي مالوف، ۋاسىلىي رادلوف قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئۇيغۇر ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن قوليازمىلارنى توپلاشتا ۋە ئېلان قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ شۇنداقلا ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ يېڭى ئىلمىي ئەمگەكلەرنى نەشر قىلىش، قەدىمىي ۋە كلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنى قايتا يورۇققا چىقىرىش، بۇنىڭ بارلىقىغا خىراجەت تېپىشنىڭ لازىملىقىنى كۆرسەتتى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، فولكلورشۇناس دوكتور گۈلبەھرەم مولوتوۋانىڭ پىكرىچە، ب. ئەرشىدىنوف ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرى بويىچە كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى يۈرگۈزگەن ئالىمدۇر. ب. ئەرشىدىنوف ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەلەر نەتىجىسىدە بىر قاتار قوليازمىلارنى توپلاپ، نەشر قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «باتۇر ئاكا ئەرشىدىنوف 70 - ۋە 80 - يىللىرى مەملىكەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەلەر نەتىجىسىدە كەتمەن يېزىسىدا "غېرىپ - سەنەم" داستانىنىڭ بىر كۆچۈرمىسىنى يېزىۋېلىشقا مۇيەسسەر بولغان. ئۇ ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن دەرسلىك يېزىشقىمۇ پائال قاتناشقان. خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى نەمۇنىلىرىنى ئۆگىنىشتە ئاساسەن ئۆزلىرى يېزىۋالغان ياكى 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا يورۇق كۆرگەن توپلاملار ئاساس قىلىنغان. ب. ئەرشىدىنوف لېنىنگراد قوليازمىلار فوندىدىن داستان مەتىنلىرىنى ئالاھىدە كىتاب سۈپىتىدە نەشر ئەتكەن. ئۇ ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئەدەبىيات دەرسلىكىنى يېزىشقىمۇ پائال قاتناشقان.»
گ. مولوتوۋا ب. ئەرشىدىنوفنىڭ باشقىمۇ ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار بىلەن بىرلىكتە ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغانلىقىنى، بولۇپمۇ 1983 - يىلى يورۇق كۆرگەن ئۈچ توملۇق كوللېكتىپلىق توپلامنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىدىكى چوڭ بىر يېڭىلىق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالىم ب. ئەرشىدىنوف كېيىنكى يىللىرى، يەنى 2002 - يىلى «ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە»، 2003 - يىلى «داستانلار دۇنياسىغا ساياھەت»، 2005 - يىلى «20 - ئەسىر ئۇيغۇرىستان ناماياندىلىرى»، 2008 - يىلى «ئۇيغۇر بەدىئىي تەپەككۈر تارىخى» ناملىق مونوگرافىيەلەر ۋە پۇبلىستىك ماقالىلەر توپلاملىرىنى، شۇنداقلا بىر قاتار شېئىرلار توپلاملىرىنى نەشر قىلدى.
0:00 / 0:00