ئەسئەت سۇلايمان: ئۇيغۇر تىل-مەدەنىيىتىنى ساقلاش ۋە كېڭەيتىشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە ئەكېلىش كېرەك

0:00 / 0:00

ئەسئەت سۇلايمان بۇ سۆزلەرنى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى» دېگەن تېمىدا بەرگەن لېكسىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ پائالىيەتنى گوللاندىيىدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

ئەسئەت سۇلايمان لېكسىيىسىدە يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىشىش ئەھۋالى ۋە ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاش جەريانىدا يولۇقۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توختالدى.

پروفېسسور دوكتور ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ تەكلىپى بىلەن لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن گوللاندىيەگە كەلگەن بولۇپ، ئۇ، 3‏-ماي گوللاندىيە ئايروپورتىدا ئالاھىدە كۈتۈۋېلىنغان ئىدى. ئەسئەت سۇلايمان «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى» دېگەن تېمىدا لېكسىيىسىنى 5‏-ماي مەزكۇر جەمئىيىتىنىڭ مەركىزى زالىدا بەردى.

پروگرامما جەمئىيەت باشلىقى ئوبۇلقاسىم ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، شۇ يەر ۋاقتى 2 دە قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئاندىن يېقىندىن بىرى ۋەتەن ئىچىدە قۇربان بولغان شېھىتلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سەبرىلەر تىلەپ دۇئالار قىلىندى. ئاندىن، پروفېسسور دوكتور ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندى «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس لېكسىيە بەردى.

«مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى» دېگەن بۇ تېمىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئال مەسىلىلەر، مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەن ۋە مۇھاجىرلىقتىكى مىللىي كىملىك مەسىلىسى قاتارلىق مەزمۇنلار كېڭەيتىلىپ، بىرمۇ-بىر شەرھلەندى. كېيىن سوئال-جاۋابلار قانات يايدۇرۇلدى.

پائالىيەت چۈشتىن كېيىن سائەت 18:30 دە ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، پروفېسسور دوكتور ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندىنىڭ سۆھبىتىنى غەنىيمەت بىلگەن ئونلىغان ئۇيغۇرلار تاكى 21:00 غا قەدەر ئەركىن مۇزاكىرە قىلىشتى. ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندىمۇ ھېرىپ-چارچىشىغا قارىماي ۋەتەنداشلىرى بىلەن قىزغىن پىكىرلەشتى.

كېيىن كۆپچىلىك بىرلىكتە خاتىرە رەسىمگە چۈشۈپ، خۇشال-خۇرام قايتىشتى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاتتى.

پروفېسسور دوكتور ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندى 3 يىلدىن بىرى ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ شۋېتسىيىدە ئائىلىسى بىلەن ياشىماقتا. ئۇنىڭ قىممەتلىك تەتقىقاتلىرىنى غەنىيمەت بىلگەن شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ، ئەپەندىمنىڭ مەخسۇس لېكسىيىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتماقتا.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىمۇ، گوللاندىيىدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ تەلپۈنۈشلىرىنى ئاساس قىلىپ، پروفېسسور دوكتور ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندىنى لېكسىيە بېرىشكە تەكلىپ قىلغان ئىدى.

جەمئىيەت باشلىقى ئوبۇلقاسىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل پائالىيەتلەرنى بۇندىن كېيىن يەنە كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ئۇلار بۇ ئىشنى داۋاملىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، بۇ پائالىيەتكە «تۈركىستان سەھنىسى» دەپ ئىسىم قويغانلىقىنى ئېيتتى.